ئەرلەر ئۇرۇق نەيچىسىنى بوغۇش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ تەسىرى
ۋاقتى: 2016-02-01
ئاۋاتلىقى: 786 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۇرۇق نەيچىسىنى بوغۇۋېتىش ئەرلىك ئىقتىدارىغا ۋە بىللە بولغان چاغدىكى ئىسپىرما ئېتىپ چىقىرىش ئەھۋالىغا تەسىرى بولامدۇ-يوق ؟
ئەمەلىيەتتە كىلىنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ ئەرلىك ئىقتىدار، مۇناسىۋەت سۈپىتىگە تەسىر قىلمايدۇ، شۇغىنىسى بىللە بولغان چاغدىكى چىقارغان ئىسپېرمىدا ئۇرۇق بولمايدۇ –خالاس. چۈنكى ئەرلىك ھورمۇنى بولسا ئىچكى ئۇرۇقدان ئاجرالمىسى بولۇپ، قان ئارقىلىق توشۇلىدۇ، ئىسپېرما نەيچىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەرلىك ئىقتىدارىغا دەخلىسى بولمايدۇ.
ئەرلىكنى بوغۇپ قويۇشنىڭمۇ زىيانلىق تەرىپى بار بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ياخشى ئويلىنىش تەكلىپىنى بېرىدۇ، چۈنكى ئەرلىكنى بوغۇپ قويۇپ، مەلۇم ۋاقىتتىنى كېيىن قايتا ئېچىپ بالىلىق بولماقچى بولسا، ئېسپېرما توشۇش نەيچىسىنىڭ مىكروسكوپىك ئوپېراتسىيەسى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ بېرىدۇ، يەنە كېلىپ، ئەرلىكى بوغۇلغاندىن كېيىن بەدەندىمۇ تەبىئىيلا ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتى (ئۇرۇققا قارشى ئىممۇنىتېت) شەكىللىنىپ قالىدىغان بولغاچقا، بوغۇلغان ئەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولمايدۇ، شۇڭا قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن ئاندىن قارار چىقىرىش كېرەك.
بىز بۇنى تەۋسىيە قىلمايمىز، ھەر نەرسە تەبىئىي بولغىنى ياخشى!
Tags: