ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا سۈتى ئېمىتىشنىڭ تېخنىكىسى

ئانا سۈتى ئېمىتىشنىڭ تېخنىكىسى

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 820 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

   1- ئانا سۈتىنى قانچە بالدۇر ئېمىتسە شۇنچە ياخشى. 
سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بولسا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش رېفلېكىسى بىلەن سۈت ئېتىپ چىقىرىش رېفلىكىسىنىڭ ئورتاق تەسىرى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ، يېڭى ئانىلار بالدۇرراق بوۋاقنى ئەمدۈرۈپ، ئەمچەك ھالقىسىدىكى نېرىپلارنى غىدىقلاپ، ھىپوفىزنىڭ سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى غىدىقلاپ، سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. تۇغۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىنلا بالىنى ئېمىتىشكە بولىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۈزلۈكسىز شورىشى يېتەرلىك  ئوغۇز سۈتىنى سۈمۈرۈپلا قالماستىن يەنە سۈتنى كۆپەيتىدۇ.

ئېھتىياجغا قاراپ ئېمىتىش كېرەك. بىرىنچى ھەپتىسى بوۋاق ئاز ئوزۇقلىنىشى كېرەك، بۇ ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ سۈت ئېمىشكە ئاستا-ئاستا ماسلىشىشىغا پايدىلىق. ئىككىنچى ھەپتىسى ياكى ئۈچىنچى ھەپتىسىدىن باشلاپ ئېمىتىش ۋاقتىنى قوشۇش كېرەك(ئاز دېگەندە 20 مىنۇت). بۇنداق قىلغاندا يۇقىرى ئوزۇقلۇق، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان سۈتنى ئېمىتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئانا سۈتى ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا ، ئادەتتە ھەر 2.5-2 سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتىش كېرەك، بەزى بوۋاقلارنى ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتىشكە ئېھتىياجلىق، يەنە بەزىلىرى بولسا تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتسىمۇ بولىدۇ. ھەر بىر ئەمچەكنى 15-5 مىنۇت ئېمىتىش، ئاندىن  يەنە بىرسىنى ئالماشتۇرۇپ يەنە 15-5 مىنۇت ئېمىتىش، ھەر بىر تەرەپتىكى ئەمچەكنى سۈمۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، ئەلۋەتتە، بۇنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش، چۈنكى ئوخشىمىغان بوۋاق، ئوخشىمىغان ئانىلارنىڭ ئارىسىدا پەرق بولىدۇ. 
 ئېمىتىش قېتىم سانىنى چەكلەپ قويماسلىق. ئەمدىلا ئېمىتىشكە باشلىغاندا، بوۋاقنىڭ ئېمىش ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنى چەكلەپ قويماسلىق. بوۋاق ئېمىپ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن مەقسىتىنى ئۇقتۇرىدۇ، مەسىلەن ئېغىزىنى ئەمچەك توپچىسىدىن ئاجرىتىش ياكى سۈتنى سۈمۈرۈشكە قىزىقماسلىق قاتارلىق. بوۋاقنى مەجبۇرلاشنىڭ ئورنى يوق، ئانا سۈتىنى ئېمىتكەندە بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئېمىتىش كېرەك. بوۋاقنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ياخشى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلىدۈرۈشىگە ئىشىنىش. ئادەتتە 8-3 ھەپتىدىن كېيىن بوۋاق ئۆزى ئېمىش ۋاقىت ئادىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەگەر بۇنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا، ھەر كۈنى  نەچچە مىنۇت ئىلگىرى ياكى كېچىكتۈرۈپ بالىنى ئېمىتىش، بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاستا –ئاستا يېتەكلەش كېرەك. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى