ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چىللە خۇنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش

چىللە خۇنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش

ۋاقتى: 2016-02-19 ئاۋاتلىقى: 652 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چىللە خۇنى بولسا تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇدىن جىنسىي يول ئارقىلىق ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئاجرالما ماددىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ھامىلە بالىياتقۇ دىۋارىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان قان سۇيۇقلۇقى، يىپىشقاق سۇيۇقلۇق، بالىياتقۇ بوشلۇقى ئىچىدە قېپ قالغان ئىچكى پەردە، تۇغۇت يولى ئېغىزىدىن ئاجرىلىپ چىققان ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارى، رەڭگى ۋە پۇرىقى بالىياتقۇنىڭ ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش كېرەك.

كۆزىتىش ئۇسۇلى
1. ئادەتتە تۇغۇتتىن 4~3 كۈن كېيىن جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققىنى ئاساسەن دېگۈدەك قان بولۇپ، ناھايىتى ئاز ئەھۋاللاردا قان ئۇيۇتمىسى كۆرۈلىدۇ. رەڭگى سەل قىزىل بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە چىققان ماددا قان تىپىدىكى چىللە دەپ ئاتىلىدۇ.
2. تۇغۇتتىن كېيىنكى 10~5 كۈن ئەتراپىدا، قان مىقدارى بارا – بارا ئازلايدۇ، رەڭگىمۇ سۇسلايدۇ، قوڭۇر رەڭلىك ياكى سۇس قوڭۇر رەڭلىك كۆرۈنىدۇ، كۆپ مىقداردا بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى ۋە جىنسىي يولدىن ئاجرالما سۇيۇقلۇقى چىقىدۇ. يەنە شەكلى بۇزۇلغان ئىچكى پەردىلەر، ئاق قان ھۈجەيرىسى بولىدۇ، بۇلار كوللاگىنلىق ئاقسىللىق چىللە دەپ ئاتىلىدۇ.
3. تۇغۇتتىن تەخمىنەن 10 كۈن كېيىن، چىللە تەركىبىدە ئاساسىي جەھەتتىن قان بولمايدۇ، ئاساسلىق تەركىبى كۆپ مىقداردا ئاق قان ھۈجەيرىسى بولىدۇ. سىرتقى تېرە ھۈجەيرىسى بولۇپ، ئاق رەڭ ياكى ئاق سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، ئاق چىللە دەپ ئاتىلىدۇ. چىللە ئادەتتە تۇغۇتتىن 4~3 ھەپتە كېيىن پاكىزلىنىدۇ، 6~5 ھەپتە ئەتراپىدا ئاساسىي جەھەتتىن نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. 
4. چىللە خۇنىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش بالىياتقۇنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە بالىياتقۇ بوشلۇقى ئىچىدىكى قالدۇق ماددىلارنىڭ بار يوقلۇقىنى، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى، تۇغۇت ئېغىزىنىڭ پۈتۈش ئەھۋالى ۋە باشقا ئۆزگۈرۈشلەرنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر قان تىپىدىكى چىللە خۇنى كۆپ بولسا، ھەم ئېقىپ توختىمىسا، بۇ بالىياتقۇنىڭ يىغىلىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ياكى يارا ئېغىزىدىن قان چىقىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، ئەگەر چىللە توختىمىسا، بالىياتقۇ ئىچىدە قىسمەن بالا ھەمرىيى ياكى ھامىلە پەردىسىنىڭ قالدۇقلىرى بارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئەگەر چىللە خۇنىدا سېسىق پۇراق بولسا، بەدەندە ياللۇغ بارلىقىنى، ئەگەر تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئاغرىسا ياكى باسقاندا ئاغرىسا، بالا ھەمرىيى ئاجرالغان يۈزدە ياللۇغ بارلىقىنى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى ياكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ياللۇغى بارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
5. يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىكى ئاياللار، تۇغۇتتىن 6 ھەپتە كېيىنكى تەكشۈرۈشتە بالىياتقۇ ئەسلىدىكى چوڭ- كىچىكلىكىگە قايتمايدۇ، يەنە يۇمشاق ھەم ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بالىياتقۇ بوينى بوش بولۇپ يېپىلمىغان ھالەتتە بولىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى