ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنى قانچىلىك ۋاقىت ئېمىتسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟

بالىنى قانچىلىك ۋاقىت ئېمىتسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-07-31 ئاۋاتلىقى: 789 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار پاراۋانلىق جەمئىيتىنىڭ قارىشىچە بالىنى ئېمىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بولسا بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە ساپ ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش. دەسلەپكى ئالتە ئاي بالىلارغا يېمەكلىك زىيادە سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولىدىغان ۋاقىت بولۇپ ،ئەگەر ئالتە ئايغا توشمايلا بالىغا كالا سۈتى ۋە  قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرگەندە، بالىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۋېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئالتە ئاي ئىچىدە ساپ ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش كېرەك. بالىلارنىڭ زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئادەتتە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە باشلىغاندا ئاز-ئازدىن بېرىش، بارا–بارا مىقدارىنى كۆپەيتىش، ئەگەر زىيادە سېزىمچانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە 7-6 كۈندىن كېيىن يەنە باشقا خىل يېمەكلىكلەرنى قۇشۇپ بېرىشكە بولىدۇ. ئەگەر بالا كالا سۈتىگە نىسبەتەن زىيادە سېزىمچان بولسا گىدرولىزلانغان ئاقسىل سۈتى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر بالا ئاقسىلغا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچان بولسا پەقەت تۇخۇم سېرىقىنى بېرىش ھەمدە تۇخۇم سېرىقىنىڭ سىرتقى يۈزىنى سويىۋېتىش كېرەك. بۇ بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيتىنىڭ بالىنى ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى توغۇرلۇق بەرگەن جاۋابى. 

بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق يېتشمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ساپ ئانا سۈتىنى ئېمىتىش ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 8-7 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بوۋاق ئالتە ئايدىن ئاشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن: كۆكتات، مېۋە-چىۋە، گۈرۈچ بوتقىسى قاتارلىق. بۇ مەزگىلدە ئانا سۈتى بىلەن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. بۇ ئوزۇقشۇناسلىق ئىلىمېنىڭ ئانا سۈتىنى قانچىلىك ۋاقىت ئېمىتسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىغا ئائىت جاۋاب.
ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ۋاقتى بوۋاقىنىڭ فىزولوگىيە، پىسخىكا قاتارلىق تەرەپلەرنى ئويلاشقاندا قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئانا سۈتىنى ئېمىتىش قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى بولۇشى ناتايىن، بىر ياش ئەتراپىدا ئانا سۈتىدىن ئايرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككى ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بالا قانچە كىچىك بولسا ئانىغا تايىنىش پىسخىكىسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆزىگە نىسبەتەن ئۇقۇم بولمايدۇ، تۇغما ھايات كەچۈرۈش ئىقتىدارى بالىنى ئانا بىلەن بىر تەن بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. يېشى قانچە كىچىك بولغان بالا ئانىنىڭ شۇنچىلىك قوغدىشىغا  ھەمدە تەلىپىنى قاندۇرۇشقا مۇھتاج بولىدۇ. بالا بىر ياشقا توشمىغاندا، ئانا سۈتى ئېمىتىش ۋە ھەمدە ئانا سۈتى ئېمىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن پىسخىكىلىق قانائەت ئنتايىن زۆرۈر. بىر ياشتىن ئاشقاندا، بالىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى چوڭ ئادەملەرنىڭ يېمەكلىكىنى قوبۇل قىلالايدۇ، بالىنىڭ سەزگۈر ئەزاسى ۋە ھەرىكەت قىلىش ئەزالىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلىدۇ، بالىنىڭ ئۆزىنى تونۇش ئىقتىدارى بارا-بارا كۈچىيىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پىسخىك ئېھتىياجى ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ. يەنى ئاتا-ئانىنىڭ قوغدىشىغا مۇھتاج بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى مۇستەقىل بولۇشقا ئىنتىلىدۇ. ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن بالىنىڭ قارىماققا قارمۇ-قارشى تۇرغان تەلىپىنى ھۆرمەت قىلىش، ھەممىنى بالىنى ئاساس چىقىش نۇقتىسى قىلىش، مۇشۇ پەيت مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاش، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى بالىغا زورلاپ تاڭماسلىق. بۇ پەيتتە ئانا سۈتى بالىنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق مەنبەسى بولماستىن بەلكى ئانا بالىنى باغلاشنىڭ بىر ھالقىسى بولىدۇ. ئانا بالىنى باغلاپ تۇرىدىغان ھالقىلار ناھايتى كۆپ مەسىلەن: سىلاش، گەپ قىلىش، كۆز نۇرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق. ئانىلار ئانا سۈتى ئېمىتىشتە چىڭ تۇرۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاستا-ئاستا باشقا ئۇسۇللارنى ئانا سۈتىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئانا سۈتىنى ئۇزۇن ئېمىتىش ئەكسىچە بالىنىڭ پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئانا سۈتىنىڭ سىموۋۇللۇق ئەھمىيتى بولسا: بالا ۋە ئانا بىر تەن، بالا ئانىنىڭ قۇچىقىدا ناھايتى بىخەتەر. بىر ياشتىن ئاشقاندا بالا بۇ خىل تۇيغۇنى بۇزۇپ تاشلاشنى ۋە مۇستەقىل ئۆزىنى تېپىۋېلىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ. ئانا سۈتىدىن بىر ئاز كېيىن ئايرىغان بالىلارنىڭ دۇنيانى ئىزدىنىش ئىرادىسى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، ئۆزىگە تايىنىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشى بىر قەدەر كېيىن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە مۇستەقىل يۈزلىنىشىگە ھەمدە ئوخشاش ياشتىكى يات جىنىسلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا پايدىسىز. بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش نۇقتىسىدىن، ئانا سۈتىنى قانچىلىك ۋاقىت ئېمىتسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىغا بېرىلگەن جاۋاب.
ئەسكەرتىش: ئانا سۈتىنى قانچىلىك ۋاقىت ئېمىتسە مۇۋاپىق دېگەندە، ئانىلارغا ساپ سۈتنى 6 ئاي ئېمىتىش، ئانا سۈتى بىلەن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ 10 ئاي ئەتراپىغىچە ئېمىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى