ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىمار: مەن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن.....

بىمار: مەن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن.....

ۋاقتى: 2016-03-28 ئاۋاتلىقى: 615 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىمار: مەن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن ،  ئانام ئۆيىمىزدىن شەھەرگە كېلىپ مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ،  ئۇ دائىم ماڭا: ‹ قىرقى مەزگىلىدە سىرتقا چىقساڭ بولمايدۇ، چىشىڭنى چوتكىلىساڭ بولمايدۇ، يۇيۇنساڭ بولمايدۇ› دەپ تاپىلايدۇ،  مېنىڭ تۇغۇت دوختۇرىدىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ،  يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمۇ ؟
دوختۇر:  چوڭلارنىڭ: ‹ قىرقى مەزگىلىدە سىرتقا چىقسا بولمايدۇ› دېيىشى،   بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆپ ھەرىكەت قىلغاندا ئەمدىلا بوشاشقان بوغۇم ۋە پەيلەرنىڭ تارتىشىپ زەخىملىنىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن بولغان. بىراق مۇۋاپىق ھەرىكەت،  مەسىلەن، بوۋىقىنى ئېلىپ سەيلە قىلىپ كىرىش،  تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن شەكلىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق چېنىقىش،  تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپلا قالماستىن،  يەنە بوۋىقى بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدا مېھىر مۇھەببەت شەكىللەندۈرۈرىدۇ.  بۇ ئانىنىڭ روھىي،  جىسمانىي  ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن،  چىللە مەزگىلىدىكى خامۇشلۇقنىڭ يۈز بېرىشىنى تۆۋەنلىتىشكە زور پايدىسى بار. 
‹چىش چوتكىلىسا،  يۇيۇنسا بولمايدۇ › دېيىشىدە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساس يوق.  ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى ساقلىغاندا،  ئانىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بىر قىسىم كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.  مەسىلەن: چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش، چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىقلار.. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن ئانا بەك كۆپ ئۇچراشقانلىقتىن،  پاكىز،  كەيپىياتى خۇشال ئانا بالىغا بىر خىل يېقىملىق،  گۈزەل ھېس ئاتا قىلالايدۇ. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى