ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا سۈتى ئېمىتىشتىكى خاتا قاراشلار(2)

ئانا سۈتى ئېمىتىشتىكى خاتا قاراشلار(2)

ۋاقتى: 2015-12-29 ئاۋاتلىقى: 554 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۆتىنچى خاتا قاراش: ئېمىتىش ئەمچەك توپچىسىنى چىدىغۇسىز قاتتىق ئاغرىتىدۇ. 
ھەر قېتىم ئېمىتش ماڭا نىسبەتەن ئىيتقاندا بىر قېتىملىق ئازابلىق جەريان، مىنڭ ئەمچىكىمنىڭ توپچىسنى بالام چىشلەپ تىلىۋەتتى. ئۇ ھەر قېتىم شورىغاندا يۈرەكنى تېشىۋەتكەندەك ئاغرىيدۇ. بۇنىڭغا زادى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، مەن ۋاز كېچىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
ھەقىقىي ئەھۋال: كۆپىنچە ئانىلار بوۋاقىنڭ ئوغۇز سۈتىنى ئېمىشى قىيىن بولغانلىق سەۋەبىدىن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىپ ئېمىتىشنى خالىمايدۇ، بۇ خىل ئاغرىقىنى تۆۋەندىكى ئككى خىل سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقىنىڭ ئېمىش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس.

2. ئانىنىڭ ئېمىتش ھالىتى توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. پەقەت بوۋاق توغرا ئېمىش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىۋالسا ۋە ئانىنىڭ ئېمىتىش ھالىتى توغرا بولسىلا بۇ خىل ئاغرىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
بەشىنچى خىل خاتا قاراش: خىزمىتىم بولغانلىقتىن داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز.
بالام بولغاندىن كېيىنمېنىڭ تۇرمۇش بېسىمىم ناھايتى ئېغىر بولۇپ كەتتى، مەن خىزمەت قىلىشىم كېرەك، شۇ سەۋەبتىن بالا ئېمىتىش ماڭا نىسبەتەن بىر قەدەر قىيىن بولدى. مېنىڭچە بەلكىم مەن بالا ئېمىتىشتىن ۋاز كېچىپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن خىزمەت قىلىشىم كېرەكتۇ.
ھەقىقىي ئەھۋال: ھازىرقى ئانىلار خىزمەت قىلىشى كېرەك. شۇڭا كۆپىنچە ئانىلار بالا ئېمىتىش ۋاقتى كەلگەندە بالىنى سۈتتىن ئايرىشقا ئۇرۇنىدۇ، بالىغا سۈت پاراشوكى بېرىدۇ، بۇ بالىغا نىسبەتەن ئادىل ئەمەس. ئەجىبا بالا ئېمىتىش بىلەن خىزمەت قىلىش ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زىدىيەتمۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بالا ئېمىتۋاتقان ئانا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان لاھىيە تاپالامدۇ يوق. پەقەت ئۇسۇل مۇۋاپىق بولسلا، يەنىلا بالىنى بىر ياشقا توشقىچە ئېمىتكىلى بولىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئامال بولسا يەنى ئانا سۈتىنى سېغىپ توغرا ساقلاشتۇر.
ئالتىنچى خاتا قاراش: سۈت پاراشوكىنى ئانا سۈتىگە ئوخشاش قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ. 
نۇرغۇن سۈت پاراشوكى ئىستېمال قىلغان بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقانلىقىنى ، يەنە بەزى ئېلانلاردا سۈت پاراشوكى تەركىبىگە ھەرخىل بوۋاقنىڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماددىلارنى قوشقانلىقى تەشۋىقاتلىرىنى كۆرۈپ، مېنىڭ سۈتۈم بۇنىڭغا يېتەمدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.

تەھرىر تەۋسىيەسى:
ھەقىقىي ئەھۋال: نۇرغۇنلىغان ئېلانلارغا چىققان بوۋاقلار ئىنتايىن ساغلام، قاۋۇل، شۇڭا بەزى كىشىلەردە ئانا سۈتى بەرگەن بوۋاقلار ئاستا ئۆسىدۇ، سۈت پاراشوكى ياكى كۈچەيتىلگەن سۈت پاراشوكى بەرگەن بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈشى ھەم تېز، ھەم قاۋۇل بولىدۇ دېگەن خاتا قاراش پەيدا قىلىپ قويغان. ئەمەلىيەتتە، نوقۇل سۈت پاراشوكى تەييارلاپ بەرگەندە ئېنېرگىيە مىقدارى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، مېتابولىزمنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ، بوۋاقنى بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىدا نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە دۇچار قىلىدۇ. 
يەتتىنچى خىل خاتا قاراش: مېنىڭ بەرگەن ئانا سۈتۈمگە بوۋاق تويمايدۇ. 
مېنىڭ بالام  دائىم سۈت ئېمىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر كىچىك قۇتىدىكى سۈت پاراشوكىنى ئىچىپ بولالايدۇ، كۆپچىلىك ھەممىسى مېنىڭ سۈتۈم بالىنىڭ قورسىقىنى تۇيغۇزالماي بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ سۈتۈمنىڭ بالىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالمايۋاتقانلىقنى، مەندىن سۈت پاراشوكىنى ئانا سۈتىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
ھەقىقىي ئەھۋال:  نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بىر ھەقىقەتنى چۈشىنەلمەيدۇ، ئانا سۈتى ئېمىتكەن بوۋاق ، گەرچە ئانا سۈتى ئېمىپ قورسىقى تويغان  بولسىمۇ، يەنە 100-50 گىرامغىچە سۈت پاراشوكىنى ئىچىپ بولالايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بوۋاقنىڭ تېخى تويمىغانلىقى چۈشەندۈرمەيدۇ، بەلكى بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا تۇغما بولغان ئىقتىدار. بەزى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىچىپلا جىمىپ قالىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇنى بوۋاق ئانا سۈتى ئېمىپ تويماي، سۈت پاراشوكى ئىچىپ قورسىقى تويدى دەپ خاتا قاراشقا كېلىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاق پەقەتلا كۆپرەك سۈمۈرۈشكە ئېھتىياجلىق، سۈت پاراشوكى پەقەت بوۋاقنىڭ مۇشۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ خالاس، شۇڭا بالا جىمىپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بوۋاق بۇنداق كۆپ ئىسسىقلىق مىقدارىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. بالىنى ئەڭ ياخشى قاندۇرالايدىغىنى يەنىلا ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى