ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قورساق يېرىش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق تۇغقان ئاياللار....

قورساق يېرىش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق تۇغقان ئاياللار....

ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 1187 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قورساق يېرىش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق تۇغقان ئاياللار قىرقى مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ھامىلدار ئاياللار مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا تۇغۇشتىن قەتئىينەزەر،  چوقۇم قىرقى مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. قىرقى مەزگىلى، ئاياللارنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى بوغۇملار ئاستا-ئاستا پۈتۈپ،  سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىلى بولۇپ،  بۇ مەزگىلدە ياخشى كۈتۈلسە،  ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى بەك ياخشى بولۇپ كېتىدۇ،  ھەتتا ئىلگىرى بار بولغان بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىرىمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ.  ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالسا ياكى بەك ھېرىپ قالسا،  ئەگەر يەنە بىرنى تۇغۇپ،  يەنە بىر قىرقى مەزگىلىدە تەڭشىۋالالمىسا،  ئۇنىڭ سالامەتلىكى بىر ئۆمۈر ئۇنداق – بۇنداق كېسەللىكلەردىن خالى بولالمايدۇ. 

قورساق يېرىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ تۇغقان ئاياللار قىرقى مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1. تازىلىققا دىققەت قىلىش 
تۇغۇتتىن كىيىنكى تازىلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك،  بولۇپمۇ ياز ۋاقتىدىكى قىرقى مەزگىلىدە تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىش كېرەك،  بۇرۇنقىدەكلا چىشىنى چوتكىلاش،  بېشىنى يۇيۇپ تاراش، ۋاقتىدا كىيىم–كېچەك ۋە تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.  يۇيۇنغان ۋاقىتتا،  ئەڭ ياخشىسى سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان پلاستېر بىلەن يارا ئېغىزىنى توسۇپ تۇرۇپ يۇيۇنۇش لازىم. 
2. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش 
ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئاياللار، ئوپېراتسىيە داۋامىدا قان كۆپ چىقىپ كېتىدىغان بولغاچقا،  كۈتۈنۈش جەريانىدا،  قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ،  سالامەتلىكىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، شۇنداقلا بوۋاقنى سۈپەتلىك سۈت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ،  ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم. 
3. كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش 
قىرقى مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە،  قەۋزىيەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ،   شۇنداقلا، بۇ ئانىنىڭ ئېمىتىشىگىمۇ پايدىلىق.
 
4. روھىي-كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇش 
دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىققاندىن كىيىنلا،  سالامەتلىكىم تېزلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارىسىڭىز بولمايدۇ،  سالامەتلىكىڭىز تەخمىنەن 6 ئايدىن كىيىن تولۇق ئەسلىگە قايتىدۇ،  نۇرغۇن ئاياللار بىرەر يىلدا سالامەتلىكىم تولۇق ئەسلىگە كەلدى دەپ قارايدۇ،  شۇڭا،  سىز كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ،  بۇ «ئۇزاق مەزگىللىك جەڭ» گە ئىدىيە جەھەتتىن ئوبدان تەييارلىق قىلىشىڭىز كېرەك. 
5. يارا ئېغىزىنى ئاسراش
يارا ئېغىزى بارا- بارا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ،  بەلكىم بىر نەچچە ھەپتىلەرگىچە باسسا ئاغرىشى مۇمكىن.  يۆتەلگەن ياكى كۈلگەن ۋاقتىڭىزدا،  قولىڭىز ئارقىلىق يارا ئېغىزىنى تۇتۇۋالسىڭىز ياكى ياستۇقنى ئاشقازان تەرىپىڭىزگە بېسىپ تۇرسىڭىز،  ئاغرىق سېزىمى سەل ئاجىزلايدۇ.  ئەگەر يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە،  يەنى يارا ئېغىزى قىزىسا،  قىزىرىپ قالسا،  ئىششىپ قالسا، يارا ئېغىزىدىن ئاجرالما ئاجرىلىپ چىقسا، ياكى يارا ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدا يامان ئۆزگىرىشلەر بولسا ياكى تۇيۇقسىز ئاغرىپ كەتسە، يارا ئېغىزى ياخشىدەك كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ پۈتۈن بەدەنلىك قىزىش يۈز بەرسە،  دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. 
6. چوڭ نومۇرلۇق ئىچ كىيىم كىيىش 
ئەسلىدىكى رەزمىدىن بىر نومۇر چوڭ بولغان ئىچ كىيىم ۋە ئىشتانلارنى تاللاپ كىيگەندە،  يارا ئېغىزى بەك بېسىلىپ كەتمەي،  سەل ئازادە ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن،  بەزىدە يەنە بىر مەزگىل ھامىلىدار ۋاقتىڭىزدا كىيگەن كەڭرى كىيىملەرنى كىيىپ تۇرۇشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ. 
7. چىللە خۇنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش
جىنسىي يولدىن چىققان قان ۋە ئاجرالما ماددىلار بارغانسېرى ئازلايدۇ،  چىللە خۇنى بەلكىم 6 ھەپتە ئەتراپىدا كېلىشى مۇمكىن،  بىراق رەڭگى دەسلەپتە توق قىزىلدىن بارا-بارا ئاچ قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ،  ئاندىن سارغۇچ رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.  ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن،  ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش قان ئۇدا 4 كۈندىن ئارتۇق كەلسە،  ياكى مىقدارى ئازلىغاندىن كېيىن قايتا كۆپيىش كۆرۈلسە،  دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك. 
8. تۇغۇتتىن كېيىنكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش
ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىنكى ھېسسىياتىڭىز ياخشى بولسا،  دوختۇرنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن،  يەنى تۇغۇتتىن 6~4 ھەپتىدىن كېيىن جىنسىي تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ. بىراق جۇڭگودىكى دوختۇرلار قورساق يېرىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئاياللار كەم دېگەندە 2 يىلدىن كېيىن ھامىلىدار بولسا بىر قەدەر بىخەتەر بولىدۇ دەپ قارايدۇ،  شۇڭا،  تۇغۇتتىن كېيىنكى ھامىلىدارلىقتىن قەتئىي ساقلىنىشىڭىز كېرەك. 
9. ئېغىر نەرسە كۆتۈرمەسلىك 
ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغقان ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن ئېغىر نەرسە كۆتۈرمەسلىكى كېرەك، ئەپسۇسلىنارلىقى،  ئەگەر سىزنىڭ 3~2 ياشلاردىكى بالىڭىز بولسا،  بۇ مەزگىلدە سىز ئۇ بالىڭىزنى كۆتۈرسىڭىزمۇ بولمايدۇ. شۇڭا،  سىز چوقۇم بالىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشىڭىز كېرەك. 
10. ۋاقتىدا ھەرىكەت قىلىش
قىرقى مەزگىلىدە كۆپرەك ئارام ئېلىش ياخشى بولسىمۇ،  بىراق ئەتىگەندىن كەچكىچە كارۋاتتىن چۈشمەي يېتىۋېرىشنى ياخشى دېگىلى بولمايدۇ،  ئەلۋەتتە قارارلىق ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئاز-تولا مېڭىپ بېرىش كېرەك.  يول مېڭىش ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشنى تېزلىتىدۇ،  يەنە قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ قېلىشتەك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بىراق ھەرىكەت قىلدىم دەپ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ.  دەسلەپ ھەرىكەت قىلىشنى باشلىغاندا ئاستىراق بولۇشى كېرەك،  بارا-بارا ھەرىكەت مىقدارىنى كۆپەيتسە بولىدۇ.  ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى 8~6 ھەپتىدىن كېيىن،  ئوتتۇراھال ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولىدۇ،  بىراق ئاۋال دوختۇرنىڭ يول يورۇقىنى ئېلىش كېرەك.  ئەسلىدىكى سالامەتلىكنىڭ تولۇق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن بەلكىم نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى