ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىمار: مەن ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ‹ زادى ئۆزۈم تۇغسام..

بىمار: مەن ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ‹ زادى ئۆزۈم تۇغسام..

ۋاقتى: 2014-03-09 ئاۋاتلىقى: 759 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىمار:  مەن ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ‹ زادى ئۆزۈم تۇغسام ياخشى بولامدۇ ياكى قورساقنى يېرىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسام ياخشى بولامدۇ ؟ › دەپ ئىككىلىنىۋاتىمەن.  چۈنكى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،  قورساقنى يېرىش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق تۇغقان ئايالنىڭ بەدەن قىياپىتىنى ساقلاشقا ياخشىكەن،  ئەكسىچە،  ئۆزى تۇغسا تۇغۇلغان بالىغا نىسبەتەن ياخشىكەن.  راست شۇنداقمىدۇ ؟ مەن زادى قايسىسىنى تاللىسام بولار؟

دوختۇر:  نەزەرىيە جەھەتتىن،  ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىنىڭ بەدەن قىياپىتىگە بولىدىغان تەسىرىدە پەرق بەك چوڭ بولمايدۇ،  ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىنلا بەك ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا ياكى قۇۋۋەت بەك ئېشىپ كەتكەندە،  بەدەندىكى ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،  بەدەن قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىز دېگەن تەبىئىي تۇغۇش تېبابەتتە « جىنسىي يولى ئارقىلىق تۇغۇش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قەدىمدىن بۇيانقى بىر خىل ئەنئەنىۋى تۇغۇش شەكلى.  زۆرۈر بولسا تۇغۇت يولىنىڭ قىسىلىشى ھامىلىنى نىسپىي ھەرىكەتلەندۈرىدۇ،  بۇ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى نەپەسلىنىشى ۋە سەزگۈ ئىقتىدارىغا بەك پايدىلىق.  بىراق بارلىق ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا تۇغۇشقا شارائىتى يار بېرىشى ناتايىن.  مەسىلەن :  داس سۆڭىكىنىڭ شارائىتى ياخشى ئەمەس، ئېغىر بولغان ئىچكى كېسىلى بار ئاياللارغا بۇ خىل تۇغۇت شەكلى ماس كەلمەيدۇ.  ئەگەر سىزنىڭ تۇغۇتتىن ئاۋۋالقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىڭىز نورمال بولسا، ئالاھىدە تەسىرى بولمايدۇ. جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغۇشتىكى مۇھىم ئامىللار بولسىلا،  مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا
 تۇغسا بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى