ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياز پەسلىدە قىرقىنى چىقىرىشتىكى بەش خىل قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش

ياز پەسلىدە قىرقىنى چىقىرىشتىكى بەش خىل قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-04 ئاۋاتلىقى: 685 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياز پەسىلدىكى قىرقىنى چىقىرىش ھەقىقەتەن باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە.  بىراق بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن،  ئۇنى كىرگۈزىۋەتكىلى بولمايدۇ.  ئالدىرىماڭ،  ياز پەسلىدىمۇ،  ياز پەسلىگە لايىق چارە بار.  ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىنلا،  ياز پەسلىدىمۇ ئوخشاشلا،  خاتىرجەم،  خۇشال-خۇرام ھالدا قىرقىنى چىقارغىلى بولىدۇ. 
ياز پەسلىدە قىرقىنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق ھاۋادا قىرقىنى چىقىرىشقا توغرا كېلىپ قالغانلىقىدىن بەك بېشى قاتىدۇ.  چۈنكى ئۇلار ئانىلىرىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتسەڭ بولمايدۇ،  ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئاچساڭ بولمايدۇ،  بېشىڭنى يۇيساڭ، يۇيۇنساڭ بولمايدۇ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان «قىلساڭ بولمايدۇ» لىرىدىن ئەنسىرەيدۇ. مۇشۇ چەكلەشلەرنىڭ بىرەر ئىلمىيلىكى بارمۇ؟ چوقۇم شۇنىڭغا بويسۇنۇشىمىز كېرەكمۇ دەپ ئويلايدۇ. 
بىرىنچى خىل گاڭگىراش: ياز پەسلىدىكى قىرقى مەزگىلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىشكە  بولامدۇ يوق؟

ۋاڭ لى  خىزمەتچى  26 ياش
يەن يەن 7- ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغقان،  ئىسسىق ياز كۈنى ئىدى،  دوختۇرخانىنىڭ مەركىزى ھاۋا تەڭشىگۈچىدىن سوغۇق ھاۋا چىقىپ تۇراتتى،  ئانام سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،  شامالغا يولۇقمىغىن،  ئەڭ ياخشىسى ئۆيگە كېتىپ قىرقىنى چىقىرايلى دېدى. 
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،  مەن بوۋىقىم بىلەن بىر كارۋاتتا ئۇخلىدىم، سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 39 سىلىتسىيە گرادۇس بولۇپ،   ئۆي ئىچىنىڭمۇ تەخمىنەن 38 ئەتراپىدا ئىدى.  بۇنداق تېمپېراتۇرىدا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتمەي تۇرغىلىمۇ بولمايتى.  قېينىئانام ماڭا ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم،  ئۇزۇن ئىشتان، نېپىز پايپاق كېيىىشنى ئېيتتى، ئاندىن مېھمانخانا ئۆيدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچتى.  مۇشۇنداق قىلىپ ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 28 گرادۇسقا چۈشۈردۇق. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامىلىمۇ بىۋاسىتە ماڭا تەگمىدى،  ھەم شۇنداق راھەتلىنىپ قالدىم.  
مۇتەخەسسىسنىڭ پىكىرى: ياز پەسلىدىكى قىرقىنى چىقىرىشتا ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىڭ بەك يۇقىرىلاپ كېتىپ،  قىزىتما قاتارلىق چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.  ئەگەر ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە،  ھاۋا تەڭشىگۈچنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك.  ئادەتتە ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 28~ 25 گرادۇسقىچە بولسا نورمال بولىدۇ. 
ئىككىنچى خىل گاڭگىراش: ياز پەسلىدىمۇ ئۆيگە بېكىنىۋالامدۇق؟
چىيەن لى خۇا   خىزمەتچى   30 ياش
مەن بالىنى تۇغۇپ بولۇشۇمغىلا،  ئانام مېنىڭ بېشىمنى شارپا بىلەن ئوراپ قويدى.  بېشىڭغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانمىساڭ بولمايدۇ دەيدۇ، ھەم ئىشىك- دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ،  قېلىن يوتقانلارنى يېپىپ قويدى.  كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىغاندا سېستىرا بۇنداق قىلىش ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسىز،   ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىق ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ،  قىرقى مەزگىلىدە دائىم ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ،  ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇپ،  يەرگە سۇ چېچىپ،  ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرىمىز دەيدۇ.  كارۋاتتا ياتقان ۋاقتىدا يەلپۈگۈچ،   ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە،  كەڭرى،  ئازادە،  يۇمشاق كىيىملەرنى كېيىشكە بولىدۇ.  ئومۇمەن،  ياز پەسىلىدە،  كۆپ بېكىنىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. 
مۇتەخەسسىسنىڭ پىكىرى: تۇغۇتتىن كېيىنكى ياش ئانىلار ئىشىك – دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ،  باشلىرىنى ئورۇۋالغاندا،  بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ،  ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  چۈنكى،  ياز پەسلىدە ئەسلىدىنلا ئۆي ئىچى . تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ،  ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق تارقىلالمايدۇ،  تۇغۇتلۇق ئايالغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشى تۇغۇتتىن كېيىنكى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز. 

ئۈچىنچى خىل گاڭگىراش: ياز پەسلىدىكى قىرقى مەزگىلىدە باشنى يۇيۇشقا،  يۇيۇنۇشقا بولامدۇ يوق؟
لىيەن شىن يۆ    خۇسۇسىي تىجارەتچى 32 ياش
مەن دەل تومۇز كۈنلىرى قىرقىمنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولدۇم،  بالام شىياۋ شىياۋنى  2 كېچە- كۈندۈزدە تۇغدۇم،  چاچلىرىم تەر دەستىدىن چاپلىشىپ كەتتى،  ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇتتىن نەچچە كۈن ئاۋالمۇ بېشىمنى يۇيمىغان ھەم يۇيۇنمىغان،  پەقەت ھۆل لۆڭگە بىلەن بەدەنلىرىمنى سۈرتكەنىدىم.  بىر ھەپتىدىن كېيىن،  قارىسام يارا ئېغىزى خېلى پۈتۈپ قاپتۇ،  شۇڭا ئىللىق سۇدا يۇيۇنۇۋەردىم.  مەنچە ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بولۇشى مۇمكىن،  بىراق يەنىلا ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىش قىلىش كېرەك.  ئويلاپ بېقىڭ،   بەدىنىڭىزدىن ئاچچىق تەر ھېدى پۇراپ تۇرسا،  كەيپىياتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي يەنە ئېمىتىشتىكى تازىلىققىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. 
مۇتەخەسسىسنىڭ پىكىرى: ئادەتتە تۇغۇتتىن 7~3 كۈن كېيىن  30~28 گرادۇس ئەتراپىدىكى سۇدا يۇيۇنۇشقا بولىدۇ.
 ئىسسىق ياز كۈنىدە،  بىر ئايغىچە بېشىنى يۇيماي،  يۇيۇنمىغاندا،  شەخسىي تازىلىقى ناچارلاپلا قالماستىن،  يەنە تېرە ياللۇغى ۋە ئىسسىقلىق ئۆتۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  يۇيۇنمىغاندا يەنە چات ئارىلىقىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.  يۇيۇنغاندا ئىللىق سۇ ئىشلىتىش كېرەك.  يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن،   پۈتۈن بەدەننى پاكىز سۈرتۈۋېتىش كېرەك. بەدەندە سۇ تامچىلىرى قېلىپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.  
ئۇنىڭدىن باشقا،  قورساق يېرىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ تۇغقان ئانىلار،  2 ھەپتىدىن كېيىن يۇيۇنسا بولىدۇ،  يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ. 
تۆتىنچى خىل گاڭگىراش: ياز پەسلىدىكى قىرقىنى چىقىرىشتا مېۋە- چېۋە يېسە بولامدۇ- يوق؟
چىن خوڭ مۇئەللىم 29 ياش
مەن بالامنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن،  تېنىم بەك ئاجىزلىشىپ كەتتى،  يولدىشىم ماڭا ئوزۇقلۇقلارنى ياخشى تولۇقلاشنى ئېيتتى،  مەن مېۋە- چېۋىگە ئامراق بولغاچقا،  شۇڭا ئۇ ناھايىتى كۆپ،  يېڭى مېۋە – چېۋىلەرنى ئەكىلىپ بەردى.  بىراق مەن كىتابتىن تېنى ئاجىز كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى تاۋۇز،  ئامۇت،  ئاپېلىسىن،  ئۈزۈم،  قوغۇن قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك دەپ ئوقۇغانىدىم.  شۇڭا مەن پەقەت ئالما،  بانان،  پەمىدۇر قاتارلىقلارنى يېدىم،  ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىلەر ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ساقلانغانلىقتىن،  ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى غىدىقلاپ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە سوۋۇپ كەتمەيتى. 
مۇتەخەسسىسنىڭ پىكىرى: مېۋە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋېتامىن بار بولۇپ،  يېڭى ئانىنىڭ روھىي- كەيپىياتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۆپ پايدىلىق.  مېۋە تەركىبىدە سۇ ۋە سىلولوزا،   مېۋە يېلىمى بولۇپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.  ياز پەسلىدىكى تۇغۇتتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە يەپ بەرسە،  ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.  شۇڭا، تۇغۇتتىن كېيىنكى 4~3 كۈن ئىچىدە بەك ئالاھىدە سوغۇق مېۋىلەرنى مەسىلەن: نەشپۈت،  تاۋۇز قاتارلىقلارنى يېمەسلىكى كېرەك.  كېيىنكى كۈنلىرى،  كۈنىگە 3~2 گىچە مېۋە يەپ بېرىشى كېرەك.  مېۋىلەرنى ئىسسىتماسلىق ۋە بەك ئۇزۇن قويۇپ قويماسلىق كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر يېتىدۇ. 
 بەشىنچى خىل گاڭگىراش: ياز پەسلىدىكى قىرقىنى چىقىرىشتا سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولامدۇ-يوق؟
يۈلىڭ  ساياھەت يېتەكچىسى  32 ياش
مەن تۇغقان ۋاقىت دەل ياز كۈنىگە توغرا كەلدى،  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقتىن قورقاتتىم.  قىرقى مەزگىلىمدە،  دائىم سوغۇق مۇزلىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىمنى قاندۇرغۇم كېلەتتى،  بىراق كونىلار تۇغۇتتىن كېيىن سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشكە قەتئىي بولمايدۇ، ئىچسە كېيىن كېسەللىك ئاسارىتى قېلىپ قالىدۇ دەيدۇ.  مېنىڭ ئاڭلىشىمچە،  ئامېرىكىدا تۇغۇتتىن كېيىن مۇزلىغان سۈت ئىچسە بولىدىكەن.  مەن جۇڭگودا ئۇنداق قىلسا نېمىشقا بولمايدۇ دەپ ئويلىدىم.  نەتىجىدە،  ئىچكەندىن كېيىن،  نەچچە كۈن ئىچىم سۈرۈپ كەتتى،  دوختۇر ئۈچەي،  ئاشقازان ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويدى.  قارىغاندا،  چوڭلارنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلاپ قويۇش كېرەككەن. 
مۇتەخەسسىسنىڭ پىكىرى: تۇغۇتتىن كېيىن بەدەندىكى ھاۋالىق قان ئاجىزلاپ كېتىدۇ،  شۇڭا ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش ئارقىلىق، ھاۋالىق قاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.  تۇغۇتتىن كېيىن بەك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە،  ئاسانلا ئۆت، ئاشقازان قاتارلىقلارنىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە چىللە خۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا ۋە توختاپ قالغان قاننىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىسىز.  يەنە كېلىپ، سوغۇق يېمەكلىكلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيىلەشتىن ئۆتمىگەن،  بەلكىم ئۇلاردا باكتېرىيە بولۇشى،  يېگەندىن كېيىن تۇغۇتلۇق ئاياللار ئاسانلا ئۈچەي،  ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.  ياز پەسلىدىكى قىرقى مەزگىلىدە،  ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايال كۆپ تەر چىقىپ،  ئۇسساپ كەتكەندە،  يېشىل ماش سۈيى ئىچسە،  پەمىدۇر يېسە، مېۋىلەرنى يېيىش ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئۆتۈشتىن ساقلانسا بولىدۇ.  چوكا مۇز،  مارۇژنا،  سوغۇق ئىچىملىك قاتارلىقلاردىن يەنىلا يىراق تۇرۇشى كېرەك.  

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى