ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چىرايلىق ئانىلارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى گۈزەللىكى(1)

چىرايلىق ئانىلارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى گۈزەللىكى(1)

ۋاقتى: 2016-07-21 ئاۋاتلىقى: 757 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىمار:  مەن ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپ،  يۈزۈمدە قارا داغلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى،  ھازىر بالام تۇغۇلۇپ بولدى،  بىراق يۈزۈمدىكى قارا داغلار يوقالمىدى،  قورساق تەرىپىمدىمۇھامىلىدارلىق سىزىقلىرى بار،  سىزدىن سوراپ باقسام ھامىلىدارلىق دېغى ۋە سىزىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ ئۇلارنى قانداق قىلغاندا يوقاتقىلى بولىدۇ؟

دوختۇر:  ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قارا داغ ۋە ھامىلىدارلىق سىزىقلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، راستتىنلا ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپ،  مەلۇم دائىرىدىكى پىگمېنتلارتوپلانغانلىقتىن،  قورساق بېسىمى تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاپ، كوللاگىنئاقسىلى ئۈزۈلىدۇ،  بۇ ئانىلار كۆرەلەيدىغان قارا داغ ۋە ھامىلىدارلىق سىزىقىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى.  قارا داغنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر قەدەر قىيىن،  بىراق كۆپ ھاللاردا قارا داغ تۇغۇتتىن كېيىنئۆزلۈكىدىنيوقاپ كېتىدۇ.  ئەگەر بالا بىر ياشقا كىرگۈچە يوقالمىسا، دوختۇرخانىنىڭ تېرە كېسەللەر بۆلۈمىگە كىرىپ داۋالانسا بولىدۇ. ھامىلىدارلىق سىزىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ قۇۋۋىتىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككەدىققەت قىلىشى كېرەك.  بوۋاق قورساقتىكى چېغىدا بەك چوڭلاپ كەتسە،  ئانىسىغا شۇنداق بەلگىلەرنى قالدۇرۇپ قويىدۇ.  يەنە ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى، قورساق ۋە يوتا قىسىمدىكى تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ھامىلىدارلىقتىن ئاۋۋال دائىم چېنىقىپ تۇرۇش ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن كۆپ پايدىلىق. ھامىلىدارلىق سىزىقلىرى كۆرۈلگەن بولسا،  تۇغۇتتىن كېيىنتېرە كېسەللىكى دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى