ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىڭىز ئانا سۈتىگە قانسۇن

بالىڭىز ئانا سۈتىگە قانسۇن

ۋاقتى: 2015-03-21 ئاۋاتلىقى: 1032 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاپتور: ئابلىكىم ئابدۇكېرىم (چىش دوختۇرى)

پەرىشتە ئانا-بالا تورى ئەسكەرتمىسى: بۇ ماقالىنى ئاپتور سۆز قالدۇرۇش شەكلى بىلەن تور بېكىتىمىزگە يوللىغان بولۇپ تورداشلارغا ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتۇق! مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلىگەن ئابلىكىم ئابدۇكېرىم ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز!
      جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلشىغا ئەگىشىپ،  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شۇنىڭغا ماس ھالدا كىشىلەر يۇقىرى ئىستېمالغا يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نوپوسنىڭ كۆپيىشى ئىستېمالغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇۋەتتى. يېزا ئىگىلىكىدە خىمىيەلىك دورىلار ئورگانىك ئوغۇتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ۋە يېمەكلىككە بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، سالامەتلىكككە زىيانلىق نۇرغۇن ئەكىس تەسىرنى پەيدا قىلدى. بۇلاردىن باشقا بىر قىسىم ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى بولمايدىغان كارخانچىلار مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان، سۈنئىي نەرسىلەردىن پايدىلنىپ، بالىلار يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ كۆزىنى بوياپ، بازارغا سېلىپ ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان بالىلاردا ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ.  
      دۆلىتىمىز ساغلام، سۈپەتلىك، ئاز تۇغۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ساغلام بولمىغان ئىستېمال بۇيۇملىرى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش مەزگىلىدىكى سالامەتلىكىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىرلەرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ.
 
      باياشاتچىلىق، توقچىلىق تۈپەيلى ئېغىر ئۇستىخان ھامىلىدار چوكانلىرىمىز سۈنئىي، مودا يېمەكلىكلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ ھامىلە تۆرەلمىسىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە سەل قاراۋاتىدۇ، تەتقىقاتچى ئالىملىرىمىز شۇنى ئىسپاتلاپ چىقتىكى، ھامىلە تۆرەلمە مەزگىلىدە (بالا قورساقتىكى مەزگىلدە) تولۇقلانمىغان ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىر ئۆمۈر ياخشى ئوزۇقلىنىش، دورا يېيىش ئارقىلىقمۇ تولۇقلىغىلى بولمايدىكەن. 
      ئانا ئۇلۇغ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز مىنۇت قورساق كۆتۈرۈپ، ئاچچىق تولغاق يەپ قىينىلىپ بالا تۇققانلىقىدا ئەمەس. بەلكى شۇ ئانا بالىنى قورساقتىكى ئېغىر ئۇستىخان دەۋىردىن تارتىپ ياخشى پەرۋىش قىلىپ ساغلام، ياراملىق، ئەۋلاد قىلىپ تەربىيەلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئانا ئۇلۇغ، ئانا قەدىردان، ئانا مېھرىبان بالىنى تولۇق ۋاقتى قارايىدا ئېمىتىپ ياخشى پەرۋىش قىلىش، ئانا باغرىغا قاندۇرۇش ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ خىسلىتىدۇر. 
    بۇ دۇنيادا كىشىلەر بالام، بالام، بالام دەپ ياشايدىكەن، سىز پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بالام دەپ ياشاۋاتقان ئانا بولسىڭىز پەرزەنتىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈڭ. نەپسىڭىزنى دەپ قورساقتىكى ياكى ئېمىۋاتقان پەرزەنتىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغان ھەرخىل ئىچىملىك، ھەرخىل چىكىملىك ۋە قالايمىقان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. ئانا بولسىڭىز پەرزەنتىڭىزنى تولۇق ئېمىتىڭ.  بالا ئانا سۈتىگە قانسۇن. ئادەم خىسلەتلىك بولۇپ يېتىلسۇن، سىز ھەرخىل ھارام نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ بۇ جەمئىيەتكە، بۇ مىللەتگە ھايۋان خۇيلۇق ئىنسان يېتىشتۈرۈپ بەرمەڭ. بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ پايدىلنىش ئۈچۈن ھەرخىل ھايۋانلار يارىتىلىپتىكەن سىز ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولار. 
    بەزى ئانىلار تېخى سۈتۈم ئاچچىق بولۇپ قىلىپ بالامنى ئېمىتەلمىدىم دەيدىكەن. سىز ئۆز نەپسىڭىزنى تارتماي، ھايۋانمۇ ئىستېمال قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلسىڭىز سۈتىڭىز زەھەر بولماي ھەسەل بولسا بولامتى؟سىز تېخى بالامنى ئېمىتسەم ئەمگىلى ئۇنمىدى، مەندىن سۈت چىقمىدى، سۈتۈم تاراپ كەتتى دەپ ھەرخىل سەۋەبلەرنى  كۆرسىتىدىكەنسىز.  ۋاقتى قارايىدا ئېمتمەي، تومۇز ئىسسىقتا  كىسلاتادەك ئېچىپ كەتكەن سۈتنى ئېمتسڭىز ئۇ بوۋاق ئېمەمتى؟ سىز بالىڭىزنى ئويلىماي ياخشى  ئوزۇقلانماي نەدىكى بىر ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يەپ يۈرسىڭىز سۈتىڭىز تاراپ كەتمەي ئاۋۇمتى؟ دۇنيادا ئۆزىنى ئەقىللىق ھىسابلايدىغان دۇنيا تەرەققىياتىغا زور ھەسسىلەرنى قوشقان مىنۇت سىكنۇت ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەيدىغان يەھۇدىلارمۇ قىزىلىرىنى 24 ئاي،  ئوغۇللىرىنى 30 ئاي تولۇق ۋاقتى قارايىدا ئېمتىدىكەنغۇ،  سىز قايسى چوڭ تەتقىقاتلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ بالىڭىزنى ۋاقتى قارايىدا ئانا سۈتىگە قاندۇرمايسىز،  بالا ئېمىتسە گۈزەللىككە،  سالامەتلىككە زىيان يېتىدىغان بولسا ئۇلار بىلمەسمىتى بالىلارنى ۋاقتى قارايدا ئېمىتمەسلىك تۈپەيلى سۈت بېزىنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇپ  جەمئىيتىمىزدە سۈت   بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللىرىمىز ئازمىتى،  ھايۋان سۈتىنى ئېمىتىۋېرىپ ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان بالىلار ئارىسىدا ئۆرۈپ-ئادىتىمىزدىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق،  ھايۋان خۇيلۇق بالىلارنى ئاز ئۇچرىتىۋاتامسىز؟ 
     شۇ ئاچارچىلىق يىللاردا تۇغۇلغان بالىلارمۇ،  سۈپۈرگە قوناقنىڭ نانلىرىنى يېگەن ئانىلارمۇ بالىلىرىنى ئانا سۈتىگە تولۇق قاندۇرغانغۇ! شۇنچە باياشات دەۋىردە،  ياشاۋاتقان ئانىلارنىڭ يالغان سەپسەتىلىرى ئەقلى بار ئادەم ئىشىنەرمۇ؟ بەزىلەر تېخى بالام ئانداق قاقشاتتى،  بىزنى مۇنداق زىيانغا ئۇردى دەپ قاقشايدىكەن.  ئۆزىڭىز ھارام يەپ،  كەيپ-ساپادا تاپقان بالىڭىزدىن قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى كۈتمەكچى ئىدىڭىز؟ 
     قازانغا نېمە سالسىڭىز چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ، بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئاسانلىق يارىتىش.  سىز ئۆز مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئۇنتۇپ، بالا تېپىپ، ياخشى پەرۋىش قىلماي، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئويۇن تاماشا بىلەن ياخشى تەربىيەلىمىسڭىز، بۇ مىللەت سىزنى كەچۈرەرمۇ؟سىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت سىزگە قانداق لەنەت ياغدۇرار؟! سىز قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان بالىڭىز سىزنى قانداق قاقشىتار؟ بۇلارنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ 
     بوۋاقلارنىڭ ئانىنى ئېمىش جەريانىدا چىقىدىغان سۈت چىشى ئىككى يېرىم ياشقىچە تولۇق چىقىپ بولاتتى ۋە سۈتكە ئوخشاش ئاپئاق پارقىراپ تۇراتتى. ھازىر بالا ئېمىتمەسلىك تۈپەيلى ئىشلەنگەن زاۋۇتنىڭ مەسلەتى يوق ھەرخىل قالايمىقان بالىلار يېمەكلىكلىرىنى بېرىش سەۋەبلىك بالىلارنىڭ سۈت چىشى ساپسېرىق، قارا داغلىق، ئاراچ، بەش ياشقا كىرمىگەن بالىلارنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق چىشلىرى چىرىپ سېسىپ كەتكەن بالىلارنىمۇ كۆپ ئۇچرىتىۋاتىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ كېيىنكىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگىنىمىزمۇ ياكى بالىلارنى تۈگمەس ئازاپقا، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىلغىنىمىزمۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەر بىر ئانا بولغۇچى قاتتىق ئويلۇنۇشى كېرەك. ئاتا بولغىچىمۇ بۇجاۋابكارلىقتىن باش تارتىپ بولالمايدۇ، ئاتىنىڭ جاۋابكارلىقى ئانىنىڭكىدىن ئېغىر. 
ھازىر جەمئىيتىمىزدە قىز-چوكانلار ئارىسدا چەت ئەلنىڭ ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دوراپ يېيىش مودا بولىۋاتىدۇ.  
شاخلاندۇرۇپ ساتقۇچى قىز-چوكانلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي خۇددى ئۆزى ئىشلەپ چىقارغاندەك كۆككە كۆتۈرۈپ داڭلاپ-ماختاشلىرىغا ھەيرانمەن.  بەزى ئېغىر ئۇستىخان چوكانلار بۇ خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى يېسەك بالىمىز ئەقىللىق بولىدىكەن،  ئۇ خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى يېسەك بالىمىز كېسەل بولمايدىكەن دەپ دورامچىلىق قىلىپ ئۆزى ۋە ھامىلىگە قايسى خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى بىلەن كارى يوق ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرمىگەن ئەھۋالدىمۇ جىدەل قىلىپ يولداشلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ،  مەجبۇرى ئالدۇرۇپ ئىستېمال قىلماقتا.  
ئەجداتلىرىمىز ئۇيغۇر ئىستېمال ئۆرپ-ئادىتىدە يېتىلدۈرگەن ئوزۇقلۇنۇشتا،  ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان بەدەننى قۇۋۋەتلەپ  ئەقىلنى ئاچىدىغان ئىچكى ئەزالارنى تازىلاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان ياڭاق، بادام، ئاپتاۋى،  ئۈرۈك مېغىزى، سۈت، تۇخۇم،  ھەسەلدەك تەبئىي يېمەكلىكلىرىمىز تۇرغان يەردە، ئۇنداق نەسلىنى بىلمەيدىغان كۆپ ھورمۇنلۇق،  ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرنى ماختاپ ئىستېمال قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيتى،  باشقا مىللەتلەرنىڭ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇپ ساتقۇچى قىزلىرى بىلەنمۇ سۆزلىشىپ،  ئارىلىشىپ كۆردۇق،  ئۇلار بۇ ئۇيغۇر قىزلىرىدەك تونۇشتۇرغان مەھسۇلاتلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۋەتمەيدىكەن،  پەقەت سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.  
       ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىز كۆپ ئىزدىنىپ دۇنياغا داڭقى بار مېۋە-چىۋىلىرىمىزدىن،  كۆكتاتلىرىمىزدىن،  ھەرخىل يېشىل ئۆسۈملۈكلىرىمىزدىن پايدىلنىپ ، ئوزۇقشۇناس،  تەتقىقاتچىلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ،  ھەقىقى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالدى .  بۇ تەبئىي ،  ھەقىقىي ئىنسانغا پايدا قىلدىغان مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ساتقۇچى،  بىرمۇ ئۇيغۇر قىز-چوكانلارنى كۆرۈپ باقمىدىم.  مانا بۇ‹يىراقتىكى موللا داموللا،  يېقىندىكى موللا جا موللا›دېگەننىڭ ئۆزى.  
قىسقىسى بىزدىكى مەدەنىيەت ساپانىڭ تۆۋەنلىكى.  دورامچىلىق ئىدىيەسىنىڭ كۈچلۈكلىكى،  ئائىلىۋى تەربىيەنىڭ ناچارلىقىدىن قىز-چوكانلىرىمىز ئانىلىق سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ،  ئانىلىق مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلماي،  بۇ جەمئىيەتتە ناچار ئىشلارنى پەيدا قىلىپ چەتئەلنىڭ غەيرى ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ئۆزىگە بىر قانچە ھەسسە ئاشۇرۇپ يۇقتۇرۇپ،  سالامداشلىرىغا زورلاپ سىڭدۈرۈپ،  غەيرى ئۇسلۇپ يارىتىپ، كۆز-كۆز قىلىپ ئەسلىنى ئۇنتۇپ ياشىماقتا.  مانا بۇ ھارام سۈتنىڭ نەتىجىسى.
     بالا ئېمتىش پەرزەنتلەرگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشلا بولۇپ قالماستىن، شۇ ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆپۈنچە ئانىلار بىلمەسلىكى مۇمكىن، بالىنى ۋاقتى قارايىدا تولۇق ئېمىتكەندە بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلىشىپ ئانىنىڭ ئىستېمال قىلغان يېمەكلىكلىرى تەركىبىدىكى كالىتىسى، ۋىتامىن ئانا بەدىنىگە تولۇق سۈمۈرۈلۈپ قان ئايلىنىشى جانلىنىپ ئاياللاردا تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ كۆرۈلىدىغان شامالداراش تىپتىكى بوغۇم ياللۇغى، تۇخۇمدان ياللۇغى، تۇحۇمدان راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاياللاردا ياشانغاندا كۆرۈلىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇلاردىن باشقا ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدىنىگە 36 مىڭ كالورىيە ئىسسىقلىق قۇۋۋىتى يىغىلىپ قالىدۇ، بالىلارنى ئېمىتمىسە بۇ ئىسسىقلىق قۇۋۋىتى تاراپ كەتمەي ئاياللارنىڭ كېلەڭسىز سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى بۇ ئىسسىقلىقنى بالا ئېمىش ئارقىلىق ئۆزىگە سۈمۈرۈپ كېسەلگە قارشى ئىممۇنتېت كۈچىنى تولۇقلايدۇ، بالىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ، بالا ئاسانلىقچە كېسەل بولمايدۇ مۇھىمى بوۋاقلارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىل، كالىتسىي، سىنىك، ۋىتامىنلار ئانا سۈتى تەركىبىدە ئەڭ مول، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بوۋاق بەدىنىگە ئەڭ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ. 
    بەزى ئانىلار ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى-تۆۋەنلىكى شۇ پەرزەنتىگە پايدا قىلىش-قىلماسلىقى بىلەن كارى يوق زور مەبلەغ سېلىپ، ماركا قوغلىشىپ، ئاتالمىش داڭلىق ماركىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ بالىلىرىغا بېرىشكە رازىكى، دۇنيا ھەرقانداق قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلارمۇ ئورنىنى باسالمايدىغان مەڭگۈ قۇۋۋەت بولىدىغان ئانا سۈتىنى بېرىشكە سەل قاراۋاتىدۇ. 
     بىزنىڭ قەلبىمىز تۆرىدە ئەڭ بۈيۈك ئورنىدا تۇردىغان ئانلىرىمىز، بالا ئېمىتمەي  كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بۇنداق نەرسىلەرنى بېرىش سەۋەبلىك ئىقلىمدا يوق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، پەرزەنتلەرنىڭ غەيرىي ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئانىلار ئۇلۇغ، بۈيۈك، قەدىردان دەپ تەرىپلىندىغان گۈزەل نامىغا نۇقسان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. 
      بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئانا ۋە ئاتا بولغۇچى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان  قاتتىق ئويلىنىدىغان مەسىلىنىڭ بىرىدۇر. 
دۇنيادا ھەرقانداق نەرسە ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. 
بالا ئۈچۈن ئانا سۈتى مەڭگۈلۈك قۇۋۋەت بولىدۇ. 
      ئەقىل ئانا سۈتىدىن كېلىدۇ،  ئانا سۈتىگە قانغان پەرزەنت ساغلام بولىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن تەربىيەلەنگەن بالا ئىنسان خىسلەتلىك بولىدۇ. 
ئانا سۈتىگە،  ئانا باغرىغا قانغان بالا ئەسلى ۋە ۋەسلنى ئۇنۇتمايدۇ. 
     سىز مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ئانىسى،  جەمئىيەتنىڭ پەرۋىچىسى،  ئائىلنىڭ گۈلى. 
     ئانىدەك ياشاڭ! ئانىلىق سالاھىيىتىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.  ھالال بالىڭىزغا ھارامنى يۇقتۇرماڭ. 
سىزگە ئەڭ ئاخىرىدا قايتا-قايتا جاكارلايمەنكى، بالا ئانا سۈتىگە قانسۇن.        

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى