ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىرقى مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشكە دائىر ئەنئەنىۋى قاراشلاردىكى ئون تۈرلۈك خاتا چۈشەنچە (1)

قىرقى مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشكە دائىر ئەنئەنىۋى قاراشلاردىكى ئون تۈرلۈك خاتا چۈشەنچە (1)

ۋاقتى: 2016-02-22 ئاۋاتلىقى: 603 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى خاتا چۈشەنچە، قىرقى مەزگىلىدە قانچە ئۇزۇن ياتسا شۇنچە ياخشى
تۇغۇتلۇق ئايال تۇغۇت جەريانىدا كۆپ زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ، ئاياللارنىڭ ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز، شۇڭا مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا ئېھتىياجلىق، بىراق بۇ ئۇزۇن مەزگىل يېتىپ ئارام ئېلىشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، تۇغۇتتىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىل ھەرىكەت قىلمىغاندا، ئەسلىدىنلا ئۇيۇشۇش ھالىتىدە تۇرغان قانلار ئاسانلا ئۇيۇشۇپ قېلىپ، تۆۋەنكى بەدەندىكى ۋېنا تومۇرلىرىدا قان نوكچىسى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇنداقلا تۆۋەنكى داس بوشلۇقىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى ئاز بولغانلىقتىن، بالىياتقۇ، تۈز ئۈچەي ياكى دوۋساقنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن بالدۇر تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندا تۆۋەنكى بەدەندىكى قاننىڭ ئېقىشىنى كۆپەيتىپلا قالماي، زىيانلىق ماددىلارنىڭ چىقىرىلىپ تاشلىشىغىمۇ پايدىلىق. شۇنداقلا قورساق قىسىمدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەركىتىگىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئەسلىدىكى يىغىلىش كۈچى بالدۇر ئەسلىگە كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىياتقۇ، توغرا ئۈچەي، دوۋساق قاتارلىق ئەزالارنى قوغدايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تۇغۇتتىن 24 سائەت كېيىنلا كارۋاتقا يۆلىنىپ ئولتۇرسا بولىدۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىنلا كارۋاتتىن چۈشۈپ مېڭىپ بەرسە بولىدۇ.

ئىككىنچى خاتا چۈشەنچە: بۇ مەزگىلدە يۇيۇنۇشقا، چېچىنى يۇيۇشقا بولمايدۇ.
بولۇپمۇ يېزىلاردا، كىشىلەر خاتا ھالدا تۇغۇتلۇق ئاياللار ئېيىغا توشقاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇنسا ۋە بېشىنى يۇيسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇت جەريانىدا بەك تەرلەيدۇ، تۇغۇتتىن كېيىنمۇ تەرلەيدۇ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ چىللە خۇنى ئاجرىلىپ چىقىدۇ ھەم سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تېنى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسان كىرلىشىپ كېتىدۇ، بۇ كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بەدەنگە كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، شۇڭلاشقا تۇغۇتتىن كېيىن شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. تۇغۇتتىن ئىككى – ئۈچ كۈندىن كېيىنلا يۇيۇنۇشقا بولىدۇ، بىراق بۇ مەزگىلدە ۋاننىدا يۇيۇنۇش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە، ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش كېرەك. تۇغۇتتىن 10~7  كۈن كېيىن ئىسسىق سۇدا بېشىنى يۇيۇشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئىلمان سۇدا ۋاننىدا يۇيۇنماقچى بولسا، ئەڭ ياخشىسى 5000 مىللىلىتىر سۇغا بىر گرام كالىي پىرمانگانات قوشۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق مىكروبسىزلاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى