ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يولدىن چىققان ئەر ۋە پەيلاسوپنىڭ پارىڭى

يولدىن چىققان ئەر ۋە پەيلاسوپنىڭ پارىڭى

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 898 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 يولدىن چىققان ئەر ۋە پەيلاسوپنىڭ پارىڭى

مەدىنۇر ئەخمەت تەرجىمىسى

 

بىر كىشى پەيلاسوپ بىلەن سۆھبەتتە بوپتۇ.....
ئەر : ھۆرمەتلىك پەيلاسوپ، مەن بىر توي قىلىپ بولغان كىشىمەن، ئەمما ھازىر باشقا بىر ئايالنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم، قانداق قىلىشىمنى پەقەتلا بىلمىدىم.
پەيلاسوپ: سەن ھازىر ياخشى كۆرۈپ قالغان ئايالنىڭ ھاياتىڭدىكى بىردىنبىر ۋە ئەڭ ئاخىرىقى ئايال ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەمسەن؟
ئەر: شۇنداق.
پەيلاسوپ: ئەمىسە سەن ئاجرىشىپ ، ئۇنى ئەمرىڭگە ئالغىن.
ئەر: بىراق مېنىڭ ھازىرقى ئايالىم ناھايىتى مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل، ئەخلاقلىق، مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئۇنىڭغا قارىتا رەھىمسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق بولامدۇ قانداق؟
پەيلاسوپ: نىكاھتا مۇھەببەت بولمىسا بۇ ھەقىقىي رەھىمسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق، سەن ھازىر باشقا بىر ئايالنى ياخشى كۆرىسەن دېمەك ئايالىڭنى ياخشى كۆرمەيسەن ، سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭ توغرا.
ئەر: بىراق ئايالىم مېنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ.
پەيلاسوپ: ئۇنداق بولسا ئۇ بەختلىككەن.


ئەر: مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن باشقا ئايالنى ئەمرىمگە ئالىمەن، ئۇ چوقۇم بەكلا ئازابلىنىدۇ ،يەنە قانداقسىگە بەختلىك بولىدۇ؟
پەيلاسوپ: نىكاھتا ئۇنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتى بار، بىراق سەن ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭنى يوقاتتىڭ، چۈنكى سەن باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ، ئۆزىدە بار بولغىنى ھەقىقىي بەخت، يوقاتقىنى بولسا ئازاب ، شۇڭا ئازابلىنىدىغان كىشى سەن.
ئەر : بىراق مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن باشقا بىرىنى ئەمرىمگە ئالىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ مەندىن ئايرىلدى، شۇڭا ئازابلىنىدىغىنى ئۇ.
پەيلاسوپ: سەن خاتالاشتىڭ. سەن پەقەت ئۇنىڭ نىكاھىدىكى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن بىر ئوبيېكتىپ، بۇ ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولمىغاندا ، ئۇنىڭ پاك مۇھەببىتى يەنە بىر ئوبيېكتىپ ئۈچۈن داۋاملىشىدۇ، چۈنكى ئۇ نىكاھتىكى پاك مۇھەببەتنى يوقىتىپ باقمىغان، شۇڭا ئۇ ھەقىقىي بەختلىك سەن بولساڭ ئازابلانغۇچى.



ئەر: ئۇ بۇ ئۆمرىدە پەقەت مېنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇنىڭ باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس.
پەيلاسوپ: بۇ گەپنى سەنمۇ قىلغان بولغىيتىڭ؟
ئەر: مەن... مەن ....
پەيلاسوپ: سەن ھازىر ئالدىڭدا يورۇپ تۇرغان ئۈچ تال شامغا قارا، قايسى ئەڭ نۇرلۇقكەن؟
ئەر: راستتىنلا بىلەلمىدىم، ھەممىسى شۇنداق نۇرلۇقتەكلا.
پەيلاسوپ: بۇ ئۈچ تال شام ئۈچ ئايالغا ئوخشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى سەن ھازىر ياخشى كۆرگەن ئايال، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئاددىي بىر ئايال، ئايال كىشى ھەقىقەتەن تولىمۇ كۆپ، سەن ھەتتا بۇ ئۈچ شامنىڭ قايسىسىنىڭ ئەڭ نۇرلۇق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمىسەڭ، ھازىر ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئايالنىمۇ تاپالمايسەن، يەنە نېمىشقا ھازىر ياخشى كۆرگەن ئايالنى تۇرمۇشۇڭدىكى بىردىنبىر شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىقى بىر ئايال دەپ جەزملەشتۈرىسەن؟؟

ئەر: مەن... مەن ......
پەيلاسوپ: سەن ھازىر بىر تال شامنى ئېلىپ كۆز ئالدىڭغا قويغىن، ئاندىن قايسى شامنىڭ ئەڭ نۇرلۇق ئىكەنلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزەت .
ئەر: ئەلۋەتتە كۆز ئالدىمدىكىسى ئەڭ نۇرلۇقتە.
پەيلاسوپ: ئەمدى سەن ئۇنى ئەسلىدىكى ئورنىغا قويۇپ قوي، ئاندىن قايسىنىڭ ئەڭ نۇرلۇق ئىكەنلىكىگە قاراپ باق.
ئەر: مەن راستتىنلا قايسىنىڭ ئەڭ نۇرلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.
پەيلاسوپ: ئەمەلىيەتتە سەن بايا قولۇڭغا ئالغان شام سەن ھازىر ياخشى كۆرۈۋاتقان ئەڭ ئاخىرىقى ئايال دېيىشكە بولىدۇ، ئاتالمىش مۇھەببەت يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ، سەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ھېس قىلغىنىڭدا، ئەستايىدىللىق بىلەن قارىساڭ ئۇ دەل ئەڭ نۇرلۇق، سەن ئۇنى ئەسلى جايىغا قۇيۇپ قويساڭ، ئەڭ نۇرلۇق نۇقتىنى تاپالمايسەن. سېنىڭ بۇ ئاتالمىش ئەڭ ئاخىرىقى بىردىنبىر مۇھەببىتىڭ ئەينەكتىكى ئاينىڭ شولىسىدەك باشتا شۇنچە كۆركەم كېيىن بولسا ھېچنېمىسى قالمايدۇ.
ئەر: ھە، مەن ئەمدى چۈشەندىم، سىز ماڭا ئايالىم بىلەن ئاجرىشىشنى ئەمەس بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بېرىپسىز.
پەيلاسوپ: چۈشەنسەڭلا ھېساب بولمايدۇ ، بارغىن.

ئەر: مەن ئەمدى ئۆزۈمنىڭ كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلدىم، ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ئايالىمكەن.
پەيلاسوپ رازى بولدى.


بىزلەر ئىلگىرى چوڭقۇر ياخشى كۆرگەن مەلۇم كىشى بەلكىم نۇرغۇنلىغان ئاددىي كىشىلەر ئىچىدىكى بىرى بولۇشى مۇمكىن، پەقەت مۇھەببەت يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ، بىز ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ياخشى كۆرۈدىغان ئادىمىمىز دەپ ئويلىساق، ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسەك ئۇ ئەڭ قەدىرلىك، نۇرغۇن نەرسىلەر ئەسلىگە قايتىپ كەلسىمۇ ھاياتلىق يەنىلا داۋاملىشىۋېرىدۇ، ئۇ بەلكىم بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى بىر ئۆتكۈنچى مېھمان بولۇشى مۇمكىن.
بىز كىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ئادىمىمىز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمىسەك، قەدىرلەشنى بىلمىسەك، يېنىمىزدىكى بىز ياخشى كۆرىدىغان بىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمىزمۇ ھامىنى بىر كۈنلەردە تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆتكۈنچى مېھمىنىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
سىز ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمنى تېپىش ئاسان ئەمەس، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى تېپىش تېخىمۇ قىيىن. ئەگەر سىز كىمنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرەلمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىگە ئايلىنالمىغاندا بۇ ھېسسياتنى قەدىرلىمەكچىمۇسىز؟ مۇھەببەت يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئۆزىڭىزگە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقاندا سىز تەبىئىيلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز.
ئەگەر سىز ياخشى كۆرۈدىغان كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، سەمىڭىزدە بولسۇن: مۇھەببەت يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ، سىز نەزىرىڭىزنى ئۇنىڭغا زىيادە قارىتىۋالغاندا، باشقا يەرگىمۇ نەزەر سېلىپ بېقىڭ، شۇندىلا نۇرلۇق شامنىڭ ھەممە جايدا بارلىقىنى بايقايسىز.
ياخشى كۆرۈش بىلەن ياخشى كۆرمەسلىك پەقەت بىر سۆز ئارىسىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ئۆتۈپ كەتكەن ئىش، ئۆتۈپ كەتكەن مۇھەببەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىڭ، ئۇ پەقەت ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسىمى خالاس، ئۇ بەلكىم كەڭرى كەتكەن دېڭىزدىكى بىر تامچە شەبنەم، نۇرغۇنلىغان تۇمانلار ئارىسىدىكى كىچىككىنە بىر توزان بولۇشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ئۆتمۈش بولمىغان بولسا ھازىرقى سىز ۋە مەن بولماسلىقىمىز مۇمكىن.
بار بولغاننى قەدىرلەش، يوق نەرسىگە ئىنتىلىشتىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى