ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار(1)
يانفوندا كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەندىن باشقا، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش ئەندىزىسىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. تۆۋەندە مەن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
تېرىگە ئېلىش ئۇسۇلى
ئاياللار تۇغۇت جەريانىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇدا خۇن توختاپ قېلىش، ئومۇرتقىلىرى ئاجراش، زەخىملىنىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن دورا ئىچىشتىن باشقا تېرىگە ئېلىپ داۋالىغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، نېرۋىنى روھلاندۇرۇش، بەدەننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىقنى توختىتىش، زەخىملەنگەن ، سۇنغان، ئاجراپ كەتكەن ئورۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ۋە شۇ ئورۇندا توختاپ قالغان قان، زەردابنى تارتىش خۇسۇسىيىتى بار.
تېرىگە ئېلىشتا ھامىلىدار ئايال بوشىنىپ 20 كۈن بولغاندا تېرىگە ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدا تۇغۇلغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشقان ساغلام قوي ياكى ئۆچكە ئۆلتۈرۈلۈپ، تېرىسى تىز سۈرئەتتە ئاجرىتىلىدۇ. ئاقمۇچ، قارمۇچ، ئارپىبەدىيان، ئەمەن ئۇرۇقى، زەنجىۋىل، قوۋزاق دارچىن، سېرىق چېچەك ئۇرۇقى، موزا، قەلەمپۇر، پىلپىل قاتارلىق ئىسسىقلىققا مايىل دورا-دەرمەكلەرنى يۇمشاق سوقۇپ، تېرە يۈزىگە تەكشى سېپىلىدۇ. ئاندىن تۇغۇتلۇق ئايال يالىڭاچلىنىپ ئىسسىق تېرىگە ئېلىنىپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا تېرىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەم تاشقى سەۋەبلىك مۇسكۇل، سۆڭەكلىرى زەخىملەنگەن ، كۆك چۈشكەن، ئىششىغان بىمارلارنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش مەقسىتىگە يەتكەن.
تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ تېرىگە ئېلىنىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلمىيلىككە ئىگە بولۇپ، ساپ، تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.