ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنى ئىككى يىل ئېمىتىش(1)(تەۋسىيە)

بالىنى ئىككى يىل ئېمىتىش(1)(تەۋسىيە)

ۋاقتى: 2016-06-25 ئاۋاتلىقى: 651 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىسلام دىنى ئەر بىلەن ئايالنى نىكاھ ئەقدىسى بىلەن باغلاپ، بىر ئائىلىدە جەملەنگەندە ياخشى ئائىلە قۇرۇپ چىقىشتا قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەم قۇرۇش ئۈچۈن ئەر-ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ  ئۈستىگە مەسئۇلىيەت يۈكلىرى ۋە ھەر ئىكككىسىگە ئايرىم ـ ئايرىم ھەق ۋە مەسئۇلىيەت بېكىتتى. ئەرنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىنى بېقىشىنى پەرز قىلغان بولسا، ئايالنىڭ ئۈستىگە بالىسىنى ئېمىتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ۋاجىپ قىلدى. بوۋاق ئىككى قولنى ئانىنىڭ كۆكسىگە قويۇشقا موھتاجدۇركى، ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ئانىنىڭ مېھرىدىن روھى لەززەت تاپىدۇ، سۈتنى ھۇزۇرلۇق بىر تۇيغۇ بىلەن ئېمىدۇ ۋە شۇ سۈت بىلەن بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇققا ئېرىشىدۇ. ھېكمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئانا كۆكسىدە سۈت ئىشلەپ چىقرىدىغان بىر زاۋۇتنى تەييار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پېقىر بولسۇن ياكى باي بولسۇن، بۇ غېرىپ ئالەمدە تۇغۇلغان بارلىق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن بىر ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەيدانغا كەلدى.


بۇرۇنقى زامانلاردا، ئەرەبلەر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئادىتىدە بالىسىنى ئانىسىدىن باشقا بىرىگە ئەمدۈرۈش بار ئىدى، قۇرئان كەرىم مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:{( ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق.} شۇنىڭدەك يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ باشقا ئانىلارنى ئېمىپ چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇنى ھۆرمەتلىك ھەلىمە ئانىمىز (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) ئېمىتكەن ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ خىلدىكى بالا ئېمىتىشكە ئۆزىنىڭ شەرئى ھۆكۈملىرىنى قويدى. ئۇلاردىن بىرى:{سىلەرگە  ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرىلىرىڭلارنى، قىيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلەنگەن قىزلىرىنى(بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيىلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى.}



بالىلارغا سۈنئىي سۈت ۋە سۈنئىي غىزالار ئالدىنقى ئەسىرلەردە تېخى ئىشلەپچىقىرىلمىغان ئىدى. 20-ئەسىردىن باشلاپ بوۋاقلار ئۈچۈن ھەرخىل نام ۋە ئىسىمدىكى ئوزۇقلارنى ئىجاد قىلغانلارمۇ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانا سۈتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى، ئانىنىڭ ئېمىتىشى كېرەكلىكىنى ئۆزلىكىدىن تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىنى قىلىشقا ئالدىرايدىغان مۇسۇلماننىڭ ئۇنداق ياكى بۇنداق تەشۋىقاتلار ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ يۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق. چۈنكى ئانىنىڭ سۈتىدە ئەمدۈرۈش ئاللاھنىڭ بېكىتىپ بەرگەن كۆرسەتمىسى بولۇپ، قۇرئاندا ئانىلارغا بالىلىرىنى ئۆز كۆكسىدىن ئەمدۈرۈشكە ھەتتاكى ئەر ئاياللارنىڭ ئوتۇرىسىدىكى ئالاقە يامانلاشقان ياكى ئاجرىشىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىققا بۇيرۇغان. مانا بۇ، ئىلاھىي قانۇننىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئادىللىقىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
{ئانىلار(بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە)تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك – ئېچمەك ۋە كىيى-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارنىڭ ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.}
داۋامى بار......
"ئىسلامدىكى ئەۋلاد تەربىيەسى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى