ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنى ئىككى يىل ئېمىتىش(2)(تەۋسىيە)

بالىنى ئىككى يىل ئېمىتىش(2)(تەۋسىيە)

ۋاقتى: 2016-05-22 ئاۋاتلىقى: 692 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىنى ئىككى يىل ئېمىتىش(2)
ئېرىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ بالىنى ئېمىتىش مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرز قىلغان. ئۇنى ھەرگىز ئائىلە بۇزۇلغان ھامان بۇزۇلىدىغان ۋە پەرۋاسىز قارىلىدىغان بىر ئىش قاتارىدا قويمىدى. شۇنداقلا ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئەرنىڭ بالىسىنى ئېمىتىپ بېرىۋاتقان ئايالىغا، گەرچە ئۇ بالا ئاتىنىڭ ئۆز بالىسى بولغان تەقدىرىمۇ ئۇنىڭ ئېمىتىش ھەققىنى بېرىشنى پەرز قىلدى. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيۈنگەندىنمۇ بەكرەك كۆيۈنگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا ئانىغا بالىسىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشنى پەرز قىلدى. چۈنكى بۇ مۇددەت بالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئوزۇقلىنىشىدا ئانا سۈتىگە ئەڭ موھتاج ۋاقتىدۇر. بۈگۈنكى تېببىي تەتقىقاتلارمۇ بۇ ئىككى يىلنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش بالا ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى شۇكى، ئۇ مۇسۇلمانلارنى بۇنداق مۇھىم قانۇنىيەتنى تەجرىبە قىلىپ بېلىۋېلىشى ئۈچۈن تاشلاپ قويماي قۇرئان كەرىمدە ئېنىق قىلىپ بۇيرىدى. ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇر، بوۋاقلارغا تولىمۇ رەھىمدىلدۇر.


ئىسلام دىنى ھالال نىكاھ بىلەن تۇغۇلغان بالىلارنىلا ئەمەس، ھەتتا زىنادىن تۆررەلگەن بالىلارنىمۇ تولۇق ئېمىتىش مۇددىتىگە ئىگە قىلىشقا بۇيرىغان ۋە بۇ مۇددەت تاماملانماي تۇرۇپ ئانىغا بېرىلىدىغان جازانى يۈرگۈزمەسلىكىنى بۇيرىغان. مانا بۇ ئاللاھنىڭ بالىغا قانچىلىك دەرىجىدە مېھرىبان ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئىمام ئەھمەد «مۇسنەد»تە مۇنداق بىر ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان:«زىنا قىلغان غامىدىيىلىك بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:``مەن زىنا قىلدىم، ماڭا ئىسلامدا بەلگىلەنگەن جازانى بەرگەن بولساڭ`` دەپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:`` سەن بېرىپ تۇغۇپ بولغاندا كەل!`` دېدى. ئۇ ئايال تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن بالىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ:`` ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مانا بۇ بالىنى تۇغدۇم`` دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:`` سەن ھازىر قايىت! بالىنى ئېمىتكىن، بالا سۈتتىن ئايرىلغاندا كەل!`` دېدى. ئۇ ئايال بالىسىنى سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بالىسىنىڭ قولىدا بىر پارچە نان كۆتەرگەن ھالدا كېلىپ:``ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بالام سۈتتىن ئايرىلدى`` دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىنى مۇسۇلمانلاردىن بىرىنىڭ بېقىۋېلىشقا بەردى. ئاندىن باشقىلارنى ئۇ ئايال ئۈچۈن بىر ئورەك كولاشقا بۇيرۇپ، ئۇ ئايالغا چالما ـ كېسەك جازاسىنى ئىجرا قىلدى.»



داڭلىق تىۋىپ ئىبنى سىنا بالىنىڭ ئانا سۈتىنى ئېمىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« بالىنى مۇمكىن بولغىنىچە ئانا سۈتىدە بېقىش كېرەك، ئانا سۈتى بالىنىڭ تېنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ھەرقانداق بىر كېسەللىكتىن قوغدىلىشىدا ئالاھىدە ھىمايە قىلىش رولىغا ئىگە.»
مەشھۇر دوختۇر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى يەھيا ئەلبەلەدى مۇنداق دېگەن:« ئانىنىڭ جىسمىدا سۈت تەركىبىنى بۇزىدىغان بىرەر ئالامەت ياكى بىرەر كېسەللىك مەۋجۇتلار بولمايدىكەن، ئانىنىڭ سۈتى ئەڭ ساغلام  ۋە ئەڭ قۇۋۋەتلىك سۈتتۇر. بالىنىڭ ئانا سۈتىنى ئېمىشى ئانا ـ بالىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە پايدىلىقتۇر.»
تىۋىپ ئەلبەلەدىنىڭ بالا سۈتىنى ئەمگەندە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقىنى، ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئەمچەك راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قارىشى زامانىمىز تەتقىقاتچىلىرىنى بىر قانچە ئەسىر ئارقىدا قالدۇردى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپلىك دەۋرىدە بالىلارغىمۇ دۆلەت خەزىنىسىدىن مائاش بېرىدىغان بولۇپ، بالىلار سۈت ئېمىشتىن توختىغاندىن كېيىنلا مائاشلىق بولۇپ قالاتتى، بىر كۈنى كېچىدە ئۇ مەسجىتنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرگەندە، بىر كىچىك بالىنىڭ يىغىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئۇ بالىنىڭ ئانىسىغا:
ـــــ ئۇنى ئېمىتكىن، ـــ دېدى. ئانىسى ئۆمەرنى تونۇمايتتى، شۇڭا ئۇ:
ــــ ئۆمەر سۈتتىن ئايرىلمىغان بالىلارغا مائاش بەرمەيدۇ، شۇڭا مەن ئۇنى مائاشلىق بولۇپ قالسۇن، دەپ سۈتتىن ئايرىۋەتكەن ئىدىم، ـــ دېدى.
بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەر بۇنداق قىلغاندا بالىلارغا زۇلۇم بولۇپ قالىدىكەن دەپ ئويلاپ، بالىلار سۈتتىن ئايرىلمىسىمۇ ئۇلارغا دۆلەت خەزىنىسىدىن مائاش بېرىۋېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ:{ ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز} دېگەن ۋەدىسى ھەقىقەتلەشكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى نامايەندە قىلىنغان.
داۋامى بار......
"ئىسلامدىكى ئەۋلاد تەربىيەسى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى