ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قەرەللىك تۈردە تاماق چەكلەشنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى

قەرەللىك تۈردە تاماق چەكلەشنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى

ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 654 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يېمەك-ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتىش ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن كىلىنكىلىق ئىسپاتلار تېخى يېتەرلىك ئەمەس.

ئامېرىكا يازغۇچىسى ئى.ب.ۋايىتنىڭ مەشھۇر بالىلار رومانى «شارلوتنىڭ تورى»دا ھېكايە قىلىنىشىچە، قېرى قوي ئاچكۆز چاشقان تەمپىلتونغا تاماقنى ئاز يېسەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. تەمپىلتون بولسا مەسخىرە ئاھاڭدا «كىم مەڭگۈ ياشايمەن دەيدۇ؟ مەن بۇ نېمەتلەردىن ئاجايىپ ھوزۇرغا ئېرىشەلەيمەن» دەيدۇ.
تەمپىلتوننىڭ بۇ قارىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن ھېكايىدىكى قوينىڭ تەشەببۇسى مۇئەييەن قىممىتكە ئىگە. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، نۇرغۇنلىغان ھايۋانلارنىڭ كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ئاساسلىق ئىسسىقلىق كالورىيەسىنى 30~40 پىرسەنت تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆمۈر مۈچىلىنى 3/1 ھەسسە ئۇزارتقىلى بولىدۇ. يىپلىق قۇرت تىپىدىكىلەر، مېۋە ھاشاراتلىرى ۋە غاجىلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ ئۆمرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارغا قارىتا كالورىيەنىڭ چەكلىنىشى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلماقتا. بەزى تەتقىقاتلار يېمەكلىكى ئاز مايمۇنلارنىڭ نىسبەتەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەمما 25 يىل داۋاملاشقان يەنە بىر تەجرىبىدە كالورىيەنى ئازايتىش ماكاكانىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى ئۆزگەرتەلمىدى، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكتىكى ئىسسىقلىق كالورىيەسىنى چەكلەش ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەدەن كۈندە قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىك مىقدارىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىش ئارقىلىق ياشانغاندا كۆرۈلىدىغان ھەرخىل كېسەللىك خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.




قورساق ئۇنچىۋالا ئېچىپ تۇرمىسا، تاماق يېمەيلا ئېرىشكىلى بولىدىغان بۇ مەنپەئەتكە ئاسانلا ئېرىشكەن بولساق قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟ بۇنىڭمۇ بىر ئامالى بولسا كېرەك. 
يېقىنقى يىللاردا، تەتقىقاتچىلار بىر مۇھىم نۇقتىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈدى. ئۇ بولسىمۇ ھەر كۈنى جاپالىق تۈردە كالورىيە چەكلىگەننىڭ ئورنىغا قەرەللىك كۈن ئاتلاپ ئوزۇقلىنىشنى دەسسىتىشتىن ئىبارەت.
كۈن ئاتلاپ ئوزۇقلىنىش يەنى بەلگىلىك كۈنلىرى تاماق يېمەسلىك ياكى ھەپتە ئىچىدىكى مەلۇم كۈنلەردە بىر ئىككى ۋاقلىق تاماقتىن ئۆزىمىزنى تارتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۈندە كالورىيەدىن ئىزچىل پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق ساغلاملىقنى كۈچەيتىش قانۇنىيىتىگە ئوخشاشلا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
2003-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك ياشانغانلار تەتقىقات ئىنىستىتۇتى نېرۋا ئىلمىي لابوراتورىيەسىنىڭ رەئىسى مارىك مەتسىن چاشقاننى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ھەپتىنىڭ مەلۇم كۈنلىرى ئاچ قويۇلغان چاشقاننىڭ ساغلاملىق سان-سېفىر ئۆلچىمى ئىزچىل ھالدا كالورىيەدىن چەكلەنگەن چاشقانغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقى، يەنى قېنىدىكى ئىنسۇلىن ۋە گىلىكوزا مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ يۇقىرلاپ، دىيابىت كېسىلى بولۇش خەۋپىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
1930-يىلى كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوزۇقشۇناسلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ يېمەكلىكى قاتتىق كونترول قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ خالىغانچە ئوزۇقلىنىدىغان باشقا ھايۋانلاردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ۋە قېرىغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ پاكىت ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كالورىيە چەكلەشكە ئائىت ئۆگىنىشلەر رەسمىي ئەۋج ئالدى.
كېيىنكى نەچچە ئون يىل جەريانىدا بۇ تەتقىقات مېدىتسىنادا بارلىققا كەلگەن تېخىمۇ ئىلغار تەرەققىياتلارغا ئورۇن بەردى. يېقىنقى يىللاردا تەتقىقاتچىلار يەنە كۈن ئاتلاپ تاماق يېيىش كېيىنكى ئۆمۈردىكى مېڭە چېكىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە قەرەللىك تۈردە تاماق چەكلەش نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ توكسىنغا بولغان قارشىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مولېكولىلارنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىدىن ساقلىنىشقا ياردىمى زور ئىكەن.
بەدەن قىياپىتى ئورۇق كەلگەن مەتسىن ناھايىتى ساغلام بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بېرى ھەپتە ئاخىرىدىن باشقا كۈنلىرى ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تاماق يېمەي كەلگەن، ئۇ بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بىيولوگىيە پېنى بويىچە دوكتور ئاشتى سالاھىيىتىگە ئىگە تەتقىقاتچى. ئۇنىڭ 700 دىن كۆپرەك مېدىتسىناغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. قەرەللىك تۈردە تاماق چەكلەش مولېكۇلىلارنىڭ زەخمىلىنىشكە قارشى قوغدىغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئايلىنىش بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ ھەمدە خاتا بىرىكمىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قوغدىغۇچى ئاقسىل دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. 
تەجرىبە قىلىنغان چاشقانلارنىڭ تېنىدە نېرۋا مەنبەلىك مېڭە ئوزۇقلىنىش ئېلېمېنتى BDNF ھاسىل بولغان بولۇپ، بۇ نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ ئۆلۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ئاقسىلدىن ئىبارەت. BDNF نىڭ تۆۋەن بولۇشى خامۇشلۇق كېسىلىدىن تارتىپ دېۋەڭلىككىچە بولغان كېسەللىككە سەۋەب بولىدۇ. قەرەللىك ھالدا تاماق چەكلىگەندە بەدەنگە يىغىلىپ قالغان ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتى تېزلىشىپ، يۇقىرىدا دېيىلگەن ھەرخىل نېرۋا كېسەللىك توقۇلمىلىرىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. 
قەرەللىك تۈردە تاماق چەكلەش دولقۇنى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق چوڭ كىلىنكىلىق تەجرىبىلىرى ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلمىدى. لۇئىسىئانادا ئولتۇرۇشلۇق فىزىكاشۇناس جېيمىس ب جونسۇن «1956-يىلى ئىسپانىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئاز-تولا ئۈمىد ياراتتى» دەيدۇ. ئىسپانىيەدىكى بۇ تەجرىبە ئۈچ يىل داۋاملاشقان بولۇپ، A، B ئىككى گۇرۇپپا كىشىلىرى تەتقىقات ئوبېيكتى قىلىنغان. A گۇرۇپپىدىكى 60 نەپەر ياشانغان ئەر-ئايال قەرەللىك تۈردە تاماق چەكلىگەن بولۇپ، نەتىجىدە بۇ گۇرۇپپىدىكىلەر ئۈچ يىل جەريانىدا ئوتتۇرىچە 123 كۈن داۋالىنىشقا موھتاج بولۇپ، ئارىسىدىن ئالتە كىشى ۋاپات بولغان. B گۇرۇپپىدىكى 60 نەپەر ياشانغان ئەر-ئايال كۈنىلا تاماق يېگەن ۋە بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا 219 كۈن داۋالىنىشقا موھتاج بولۇپ، ئارىسىدىن 13 كىشى ۋاپات بولغان.
2007-يىلى مەتسىن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ۋە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان توققۇز نەپەر بىمارنى ئىككى ئاي سىناق قىلىپ بەلگىلىك كۈنلەردە تاماقنى چەكلەش ئارقىلىق كېسىلىدە زور ياخشىلىنىش ھاسىل قىلغان. ئەمما، 2011-يىلى بىرازىلىيە ئالىملىرى «قەرەللىك تاماق چەكلەشنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش قاندىكى گىلىكوزا مىقدارى ۋە تېرە توقۇلمىلىرىدىكى ئوكسىدلاشقان بىرىكمىلەرنى كۆپەيتىپ، ھۈجەيرىلەرنى بۇزىدۇ» دېگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2010-يىلى مەتسىن ئۇلار بىلەن بىرگە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، قەرەللىك تۈردە تاماق چەكلەشنىڭ بەزىدە غەيرىي ئەھۋال سادىر قىلىپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالارغا قان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىسپاتلىدى.
بەزى ئورۇقلىتىش مۇتەخەسسىسلىرى قەرەللىك تاماق چەكلەشكە سوئال قويۇپ، ئېچىرقىغاندىكى ئازاب ۋە ئاچلىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن يەنە كۆپ يەۋالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ زىيىنى ئۈستىدە توختالماقتا.
بەزى ئورۇقلىتىش مۇتەخەسسىسلىرى قەرەللىك تاماق چەكلەشكە سوئال قويۇپ، ئېچىرقىغاندىكى ئازاب ۋە ئاچلىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن يەنە كۆپ يەۋالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ زىيىنى ئۈستىدە توختالماقتا.
قانداقلا بولمىسۇن، تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىئىينەزىرىدىن قارىغاندا، كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش بىز يېتىلدۈرگەن بىر غەلىتە زامانىۋى كەشپىيات بولسا كېرەك. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان دەۋرلەردىكى ئاچارچىلىق ۋە يېمەكلىكتىكى قۇۋۋەت يېتىشمەسلىكنى دېمىگەندىمۇ، شۇ مۇھىتتىكى ئوزۇقلۇق تەمىناتنىڭ تۇراقسىز بولۇشى ئۇلارنى داۋاملىق كۈن ئاتلاپ ئوزۇقلىنىشقا مەجبۇرى قىلغىنى ئېنىق. مەتسىن شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، شۇ يىللار ئېلىپ كەلگەن بۇ ئاچارچىلىق بېسىمى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئەستە ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك مېڭە رايونىدىكى گېنلارنى كۈچەيتىپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەش ۋە ياشاشقا بولغان ئىنتىلىشنى كۈچەيتكەن. ئەگەر ئۇنىڭ بۇ قارىشى توغرا بولۇپ چىقسا، قەرەللىك تۈردە تاماق چەكلەش بىز ئۈچۈن ئاقىلانە بولغان ساغلاملىق يولى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى