ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇت ئالدىدىكى ماددىي تەييارلىقلار(2)

تۇغۇت ئالدىدىكى ماددىي تەييارلىقلار(2)

ۋاقتى: 2014-03-12 ئاۋاتلىقى: 618 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېمەكلىك:
       يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئانا سۈتى ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقتۇر. شۇندىمۇ سۈت بوتۇلكىسى، ئېمىزگە، سۈت كورىسى، بوتۇلكا چوتكىسى، جىمبىللىق كورا قاتارلىقلارنى تەييارلاش، شارائىت يار بەرسە يېڭى كالا سۈتى سېتىۋېلىپ ئانا سۈتى يېتىشمىگەن ياكى ئانىسى كېسەل بولغان بوۋاقلارغا بېرىش لازىم. ئادەتتىكىدەك ئەينەكتىن ياسالغان سۈت بوتۇلكىسى ھوردا دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ماس كېلىدۇ، ئېمىزگىدىن كۆپرەك تەييارلاش كېرەك. ئۇندىن باشقا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق مىقتداردا بېلىق مېيى ۋە كالتسېي پاراشوكى بېرىلسە بولىدۇ.


 تۇرالغۇ:
      بوۋاقلار ئەڭ ياخشىسى كۈن چۈشىدىغان، ئىللىق، تىنچ، ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى ئۆيلەردە تۇرۇشى، بوۋاقلار كارىۋېتىنى تاللىغاندا باھاسى مۇۋاپىق، قولايلىق،بىخەتەر بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يوتقان-كۆرپە، يۆگەك، ئەدىيال، ئىشتان قاتارلىقلار ساپ پاختىدىن ئىشلەنگەن بولۇشى، ھەربىرىدىن 2-3تىن تەييارلاش لازىم. بوۋاقلارنىڭياستۇقى بەك ئېگىز بولماسلىقى كېرەك. گۈرۈچ، دادۇر قاسرىقى قاچىلانغان بولسا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى