ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چوقۇم سۈنئىي سۈت ئېمىتىش زۆرۈر بولىدىغان ئەھۋاللار(2)

چوقۇم سۈنئىي سۈت ئېمىتىش زۆرۈر بولىدىغان ئەھۋاللار(2)

ۋاقتى: 2016-03-29 ئاۋاتلىقى: 782 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۈرەك كېسىلى ۋە بۆرەك ياللۇغى
ئانا ئېغىر يۈرەك كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش يۈرەكنىڭ ۋە بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىنىڭ سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى ئاز بولغاچقا بالىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز بولۇپ ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى توختىتىش كېرەك.


ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار
جىددىي خاراكتىرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئانىلار،مەسىلەن: ئۆپكە ياللۇغى. ئېغىر زۇكام قاتارلىقلار.  بۇنداق كېسەللەرگە دائىم كۆپ مىقداردا ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى بىر نەچچە كۈن توختىتىپ تۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەرەللىك ھالدا سۈتنى سېغىپ چىقىرىۋېتىش، زۇكامدىن ساقايغاندىن كېيىن ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى