ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كېچىدە ئېمىتىش ۋە سىرتلاردا بالا ئېمىتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كېچىدە ئېمىتىش ۋە سىرتلاردا بالا ئېمىتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-02-24 ئاۋاتلىقى: 718 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


كېچىدە ئېمىتىش تېخنىكىسى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كېچىدە ئىككى قېتىم ئېمىشكە مۇھتاج بولىدۇ، كەچتە سائەت 10 ياكى 11 ئەتراپىدا بىر بوتۇلكا سۈت ئېمىدۇ ، ئەتىگەن سائەت 6 ياكى 7 ئەتراپىدا يەنە بىر بوتۇلكا سۈت ئېمىدۇ.  ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر چەينەك قايناق سۇ يەنە بىر  ئىستاكان ياكى يېرىم ئىستاكان سوغۇق سۇ تەييارلاپ قويۇش، بۇنداق قىلغاندا يېرىم كېچىدە مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا سۈت تەييارلاشقا قولايلىق بولىدۇ. سۈت بوتۇلكىسى قىزىتقۇچى بار ئائىلىدە سوۋۇپ بولغان قايناق سۇنى قىزىتقۇچنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇپ قىزىتىشقىمۇ  بولىدۇ.  كارىۋات بېشىغا بىر كىچىك چىراغ ئورنىتىپ قويۇش ، بوۋاقنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش، بۇنداق بولغاندا  يەنە ھەر ۋاقىت كېچىدە بوۋاقنىڭ يوتقىنىنىڭ ياخشى يىپىلغان-يىپىلمىغانلىقىنى كۈزەتكىلى بولىدۇ. ئەمما غۇۋا بولغانلىقتىن بوۋاقنىڭ سۈت ئېقىتىۋەتكەنلىكى ياكى تېرىسىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر ئانا بەك چارچاش ھېس قىلغان بولسا، يولدىشى ياكى مومىسى قاتارلىق ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا  بىر نەچچە كۈن قاراپ بېرىپ، ھاردۇقى چىقىپ، روھى- ھالىتى ئەسلىگە قايىتقاندىن كېيىن بالىنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئۆزى قارىسا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى