تۇغۇتتىن كېيىنكى تېرە يىرىكلىشىش
ۋاقتى: 2016-05-25
ئاۋاتلىقى: 748 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇغۇتتىن كېينكى تېرە يىرىكلىشىش
تېرە يىرىكلىشىشنىڭ سەۋەبى:
تۇغۇتتىن كىيىن تېرە ئەسلىدىكى ئەۋرىشىملىكنى يوقىتىدۇ، كۆرۈنەرلىك يىرىكلىشىدۇ، بەزى قىسىملىرىدا يەنە تېرە تاشلاش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.
تېرە يىرىكلىشىشنى يېنىكلىتىدىغان تەكلىپ:
ئەسلىدىن قۇرغاق تېرىلىك ئانىلار يۇزىنى بەك كۆپ يۇيماسلىق كېرەك، شۇلتا سوپۇن تېرىدىكى تەبىئىي ماينى يۇيۇپ تازىلىۋىتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بوۋاقلار سوپۇنىدا ياكى گىلىتسېرىنلىق سوپۇندا يۈزىنى يۇيۇش كېرەك. تېرىگە سۇ تولۇقلايدىغان تېرە ئاسراش بويۇملىرىنى ئىشلەتسە، قۇرغاقلاشقان جايغا سۈركەپ يېنىك ئۇۋلاپ بەرسە بولىدۇ.
يېمەك ئىچمەك ئوزۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا ، ماگنىي، كالتىسىي قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارنىىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى يۇقىرىلىتىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسلەن: گۆش تۈرى، بېلىق، تۇخۇم قاتارلىقلار. يەنە زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى، ۋىتامىن قاتارلىقلارنى تولۇقلاش كېرەك. مەسلەن؛ يېشىل كۆكتات، مېۋە-چىۋە، قاتتىق پوستلىق مېۋە، دان، سۈت، بېلىق مىيى، پۇرچاق تۈرى قاتارلىقلار. روھلاندۇرغۇچى دورىلار قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك كېرەك. مەسلەن: قەھۋە، ھاراق، چاي قاتارلىقلار. قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.