ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتتىن 42 كۈن كېيىنكى تەكشۈرتۈش تۈرلىرى

تۇغۇتتىن 42 كۈن كېيىنكى تەكشۈرتۈش تۈرلىرى

ۋاقتى: 2015-11-29 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغۇتتىن 42 كۈن كېيىنكى تەكشۈرتۈش تۈرلىرى

ئادەتتىكى تەكشۈرتۈش تۈرلىرى

بۇ ئەڭ ئاددىي بولغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى، ئەمما سەل قاراشقا بولمايدۇ.  ئاياللار قىرىقى ئىچىدە دائىم بىلىپ بىلمەي كۆپ يەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.  ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن ئىغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تىزلىشىپ كەتسە، دەرھال يىمەك-ئىچمەكلەرنى تەڭشەش، ئاساسلىق تاماق ۋە قەنت تەركىبلىك تاماقلارنى ئازايتىش، ئاقسىل ۋە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش كېرەك، شۇنداقلا بەدەن چىنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.  ئېغىرلىقى چۈشۈپ كىتىۋاتقان ئاياللارغا نىسبەتەن دەرھال ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىپ، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بىرىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئانا سۈتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.  

بەدەن ئىغىرلىقى بولسا ئۆزلىكىدىن ئۆلچىنىدىغان سالامەتلىكنىڭ بىر بەلگىسى.  شۇڭا يېڭىدىن ئانا بولغانلار(ياكى يەڭگىگەنلەر) ئۆيىگە بىر ئەپچىل تارازا قويۇپ قويۇپ، دائىم ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ تۇرۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك. 
 
قان بىسىمىنى ئۆلچەش

چوڭلارنىڭ نورمال قان بېسىمى ئادەتتە㎜㎏80/120 بولىدۇ.  ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كېيىنكى قان بېسىمى ئىگىرىكىگە سەل ئوخشىمايدۇ.  بەزى ھامىلدار ئاياللارنىڭ قان بېسىمى سەل يۇقىرىراق بولىدۇ.  تۇغۇتتىن كېيىن يەنە ئىلگىرىكى نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.  ئەگەر قان بېسىمىدا نورمالسىزلىق بولسا، دەرھال سەۋەبىنى ئېنىقلاپ كىسەلگە قارىتا داۋالىتىش كېرەك.  

كىچىك تەرەت(سۈيدۈكىنى تەكشۈرتۈش)

ھامىلدار ئاياللار تۇغۇت داۋامىدا زەھەرلىنىپ قالغاندا كىچىك تەرەتنىڭ سەل نورمالسىزلىقىنى ھېس قىلغان ھامان دەرھال سۈيدۈكىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.  بىر تەرەپتىن تۇغۇت جەريانىدىكى زەھەرلىنىشنىڭ ئەسلىگە كەلگەن-كەلمىگەنلىكىگە قاراش، يەنە بىر تەرەپتىن كىچىك تەرەتنى تەكشۈرتۈپ سۈيدۈك يولىدا ياللۇغ بار يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.  

قاننى تەكشۈرتۈش

تۇغۇت داۋامىدىكى قان ئازلىق ھەم تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كېتىش تۇغۇتلۇق ئايالنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا قايتا قاننى تەكشۈرتۈش لازىم.  ئەگەر قان ئازلىق بولسا دەرھال داۋالىتىش لازىم.  ئەگەر قىززىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال قاننى تەكشۈرتۈش لازىم، بۇ ياللۇغ بار-يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرۈشتە چوڭ رول ئوينايدۇ.  

باشقا ئىچكى تەكشۈرتۈشلەرنى قىلىش كېرەك.  

تۇغۇتتىن كېيىنىكى ئەگشمە كىسەللىكلەر مەسىلەن: جىگەر كىسىلى، يۈرەك كىسىلى، بۆرەك ياللۇغى دىگەندەك، شۇڭا ئىچكى تەكشۈرتۈشلەرنى قىلىش كېرەك.  

داس بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈش

داس بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈش بولسا تۇغۇتتىن 42 كۈندىن كېيىنكى تەكشۈرتۈشلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھەم ئەڭ مۇھىم بولغان، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ موھىم بىر تەكشۈرۈش ئۇسۇلى.
  
داس بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

بالىياتقۇ چوڭ -كىچىكلىكى نورمالمۇ ئەمەس، تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىش بارمۇ يوق.  ئەگەر بالىياتقۇ ئورنى كەينى تەرەپتىرەك بولسا، يانتۇ يىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، تىزى بىلەن كۆكرىكىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ يىتىش مەشىقىنى قىلىپ بېرىش بالىياتقۇ ئورنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.  
بالىياتقۇدا چىرىش بارمۇ-يوق، ئەگەر بار بولسا 4~3  قېتىم قايتا تەكشۈرتۈش ھەم داۋالىتىش كېرەك.  

جىنسى يولدىكى ئاجرالما ماددىلارنىڭ مىقدارى، رەڭگى، پۇرىقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرتۈش كېرەك.  تۇغۇتتىن كېيىن، ئادەتتە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھەممىسى پاكىز، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.  ئەگەر يەنىلا قان ئارلاش ماددىلار بولسا، رەڭگى سۇس ھەم مىقدارى كۆپ بولسا، ياكى سىسىق پۇرىسا بۇ بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.  بالىياتقۇنىڭ قوشۇمچە ياكى ئەتراپىدىكى توقۇلمىلاردا ياللۇغ ياكى مونەك بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.  

يارا ئېغىزىنى تەكشۈرۈش


ئوڭۇشلۇق يەڭگىگەن ئانا، جىنسى ئەزانى ھەم تۇغۇت يولى ئەزاسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك، داس بوشلۇقى مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك ھەم جىنسىي ئەزا دىۋارىنىڭ چوقچىيىپ چىقىپ قالغان-قالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.  

ئوپىراتسىيە قىلىنغان ئاياللار، ئوپىراتسىيە قىلغان جاينىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.  ئوپىراتسىيە ئورنى يۇمشاقمۇ ئەمەسمۇ؟ بالىياتقۇ ھەم يارا ئېغىزىدا شىلىمشىق ماددىلار بارمۇ يوق شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك. 
 
ئالاھىدە تەكشۈرتۈشلەر

بۇ تۈر بولسا تۇغۇتتىن كېيىنكى ئالاھىدە تەكشۈرتۈش ھېسابلىنىدۇ.  سۈت ئىمىتىش مەزگىلى بىخەتەر دەۋر ئەمەس.  يىڭى ئاپا بولغانلار چوقۇم ئۈنۈملۈك بولغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك، قايتا ھامىلدار بولۇش سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان ئايالغا نىسبەتەن ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.  قانداق تەدبىر قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، يىڭى ئانا بولغىچىلار بۇ قىتىمقى تەكشۈرتۈش پۇرسەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاياللار دوختۇرىدىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك، ئاندىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك.  ئادەتتە بالا ئىمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى ئانىلارغا نىسبەتەن، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قىپى ۋە ھالقا سىلىش كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى بولالايدۇ.  ئوڭۇشلۇق يەڭگىگەن ئاياللار ئۈچ ئايدىن كېيىن ھالقا سالدۇرسا بولىدۇ.  ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان ئاياللار بولسا يېرىم يىلدىن كېيىن ھالقا سالدۇرسا بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى