ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغىدىغان دوختۇرخانىنى قانداق تاللاش __تۇغۇت بىلىملىرىدىن خۇلاسە

تۇغىدىغان دوختۇرخانىنى قانداق تاللاش __تۇغۇت بىلىملىرىدىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 641 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغىدىغان دوختۇرخانىنى قانداق تاللاش __تۇغۇت بىلىملىرىدىن خۇلاسە

تۇغىدىغان دوختۇرخانىنى تاللاشنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ شەرتلىرى

*ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن ئەھۋالى. ئەگەر سىزنىڭ ھەرقېتىمدىكى تۇغۇت تەكشۈرتۈشىڭىزدە ھېچقانداق مەسىلە بولمىسا يەنە كېلىپ ئۆزى تۇغۇش بېكىتىلگەن بولسا ئۇنداقتا يېقىن ئەتراپتىكى مەھەللىۋى دوختۇرخانىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز يۇقىرى ياشلىق ھامىلدار ئايالغا تەۋە بولسىڭىز ياكى ھامىلدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم  قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىك بار بولسا سىزگە مەخسۇس ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنى تاللاش پىكرىنى بېرىمىز.

*يېتىپ بېرىشنىڭ تېزلىك دەرىجىسى. تۇغقان ۋاقىتتا ماشىنا ناھايىتى قولايلىق ھالدا دوختۇرخانىغا يېتىپ بارالامدۇ يوق، بالنىستا يېتىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇش قولايلىقمۇ دىگەندەك مەسىلىلەرمۇ ئويلاشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىنى ئويلىغاندىن سىرت يەنە ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن تاللاش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش تېز، يېقىن بولۇش پىرىنىسپىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ تۇغىدىغان دوختۇرخانىنى تاللىسا بولىدۇ.

*ماشىنىنى قىستاڭچىلىق يولدىن قاچۇرۇپ ھەيدەش. ھامىلدار ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بالدۇرراق قاتناش ئەھۋالىنى ياخشى كۆزىتىپ، ياخشى لايىھەلەنگەن يول لىنىيەسى بىلەن بىر قېتىم مېڭىپ بېقىپ مۇساپىگە كېتىدىغان ۋاقىتنى ھېسابلاپ باقسا بولىدۇ، ھامىلدار ئايالنىڭ بوشىنىدىغان ۋاقىتنى ساقلاپ تىت-تىت بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قايسى يولنىڭ قىستاڭچىلىق ئەمەس، تاللىغان دوختۇرخانا كىچىك كوچىغا جايلاشقانمۇ ياكى كۈندۈزى ماشىنا ھەيدەش قىيىنمۇ دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئەڭ ياخشىسى تۇغىدىغان دوختۇخانىنى تاللىغان ۋاقىتتا مۇددەتتىن بۇرۇن ئويلىشىش كېرەك.

*ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزى تۇغىدىغان  دوختۇرخانىنى قانداق تاللايدۇ

*مەخسۇس ئاياللار تۇغۇت دوختۇرخانىسى. تۇغۇت تەلىپى يۇقىرى ھامىلدار ئاياللارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال يۇقىرى ياشلىق بولسا يەنە 30 ياشتىن يۇقىرى بولسا ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇت تەكشۈرتۈشىدە سالامەتلىكىدە مەسىلە بارلىقى بايقالسا مەسىلەن ھامىلدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار.

تونۇشتۇرۇش سەۋەبى: يۇقىرى ياشتا تۇغىدىغان ئايال،ھەم تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بار بولسا كەسپىيلىكى كۈچلۈك ئاياللار تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرخانىسىنى تاللاش مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى بۇ جايدىكى دوختۇرلار ھەركۈنى ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلار بولسا كۆپ قىسمى تۇغۇتلۇق ئاياللار،ئۇلارتۇغۇت مەزگىلىدىكى جەريانلارنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ.

كەمچىلىكى: ئادەم كۆپ، ئۆچرەت ساقلايدىغان ۋاقىت ئۇزۇن بولۇپ داۋالىنىش ۋاقتى چەكلىك بولۇپ قالىدۇ.

*ھەمكارلاشقان دوختۇرخانا. تۇغۇت بۆلۈمى ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ۋە باشقا تاشقى بۆلۈم كېسىلى بولمىسا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش ۋە تۇغۇشنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش بىر دوختۇرخانىدا تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئالاھىدە تۇغۇت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولىسىز.
تونۇشتۇرۇش سەۋەبى: تاشقى مەبلەغ ياكى ھەمكارلاشقان دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت ئۆيىنىڭ مۇھىتى ۋە ئەسلىھەسى بىرقەدەر راھەت ياكى ھەشەمەتلىك بولۇپ خاس تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەربىر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ دوختۇرى بولىدۇ.

كەمچىلىكى: ھەق ئېلىشى قىممەت.

*ئۇنۋېرسال دوختۇرخانا. بەدەن ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغان ھامىلدار ئايالغا ئۇنۋېرسال دوختۇرخانىدا تۇغۇش تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەسىلەن ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆز بەدىنىدە ئەسلىدىنلا باشقا كېسەللىك بار بولسا يەنى يۈرەك كېسىلى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قان ئازلىق قوشۇلۇپ كېلىش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلار.

تونۇشتۇرۇش سەۋەبى: چوڭ تىپتىكى ئۇنۋېرسال دوختۇخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى بۆلۈمدە ۋە ھەرقايسى بۆلۈم كەسپىي خادىملىرى تولۇق، تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ ھامىلدار ئايالدا ناۋادا ھامىلدارلىقتىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈپ قالسا ۋاقتىدا ئۇنۋېرسال دوختۇرخانىدىكى ھەرقايسى ئامبولاتورىيە، بۆلۈملەرنى كېڭەشمە ئاپخوتقا چاقىرغىلى ۋە بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.

كەمچىلىكى: ئادەم بىرقەدەر كۆپ،ساقلايدىغان ۋاقىت ئۇزۇن. كۆپ ساندىكىلىرى يولدىشىنى ھەمراھ قىلدۇرۇش، ئويۇنغا تۇتۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.

*سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسى بولسا مۇھىم كۆرسەتكۈچ

بالىنى تۇغىدىغان دوختۇرخانىنى تاللاشتا ھەرگىز ئالدىراپ قارار چىقارماڭ. كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بىرنەچچە دوختۇرخانىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ياكى يېنىڭىزدىكى بالا تۇغۇپ باققان تەجرىبىسى بار دوست، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى تونۇش كىشىلەردىن مەسلىھەت سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. يەنە باشقا يوللار ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاپ باشقا قايسى دوختۇرخانىدا تۇغۇت بۆلۈمى بارلىقىنى ھەمدە دوختۇرخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالى مەسىلەن قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى، دوختۇرخانىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى قاتارلىقلار—ئازادە بولغان تەكشۈرتۈش مۇھىتى، ئەلا داۋالاش مۇلازىمىتى بارمۇ يوق، كارىۋات جىدىيمۇ، تاماق تەييارلاش ۋە پۇل تاپشۇرۇش مۇۋاپىقمۇ، كېسەلخانا تەرتىپلىكمۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەسى ياكى قان قەنتى يېتەرلىكمۇ، تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللىغىلى بولامدۇ-يوق، بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىشقا بولامدۇ، تۇغۇتتىن كېيىن مەخسۇس ئادەم پەرۋىش قىلامدۇ-يوق ۋە بالياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش نىسبىتى بەك يۇقىرىمۇ ئەمەسمۇ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى مۇكەمملەشكەنمۇ-يوق قاتارلىقلار، بۇنىڭ ھەممىسى بىر دوختۇخانىنىڭ داۋالاش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە باھا بېرىشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ ھامىلدار ئاياللارنىڭمۇ تۇغىدىغان دوختۇرخانى تاللاشتىكى مۇھىم ئاساسىدۇر.

*قاتتىق دېتال يۇمشاق دېتال سەۋىيەسى كىشىنى قانائەتلەندۈرەمدۇ يوق

دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانىسىدا ئىلغار تىپتىكى ئېلىكتىرونلۇق ھامىلە يۈرىكىنى كۆزەتكۈچ سەپلەنگەنمۇ،ئۈزلۈكسىز كۆزىتىپ ھامىلە يۈرەك رېتىمىنىڭ ھەركەتچان ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلىگىلى بولۇپ،ھامىلىنىڭ بالياتقۇ ئىچىدىكى ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى ناچار ئىكەنلىكىگە جەزملەشتۈرۈشكە قولايلىق بولۇپ، ھامىلىنىڭ بالياتقۇ ئىچىدىكى ئوكسىگىن كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى  بالدۇر بايقاپ يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى تۇنجۇقۇپ قېلىشى، مېڭە پارالىچىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىدۇ. دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت رايونىنى باشقۇرىشى  قاتتىق بولۇشى، ئىلغار ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى، مىكروپسىز مەشغۇلات قىلىشقا ماس كېلىشى كېرەك. كېسەللىك رايونى مۇۋاپىق بولۇشى، ئادەتتىكى كېسەللىك رايونى ۋە ئالاھىدە كېسەللىك رايونىغا بۆلىنىشى كېرەك. ئاغرىتماي تۇغدۇرۇش، ئاغرىتماي تۇغدۇرۇش جەريانىدا ھامىلدار ئايالنىڭ روھى ھالىتىنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالامدۇ-يوق دېگەنلەرنى ياخشى ئويلىنىپ تۇغۇت جەريانىغا قاتنىشىش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا قورساق يېرىپ تۇغتۇرۇش ۋە مېخانىلىكىلىق تۇغۇت يارەمچىسى ئىھتىياجنى قاندۇرالامدۇ-يوق بۇمۇ بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى