ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۆپ قىسىم ئانىلار تاللايدىغان قورساق يارغۇزۇپ تۇغۇش

كۆپ قىسىم ئانىلار تاللايدىغان قورساق يارغۇزۇپ تۇغۇش

ۋاقتى: 2016-10-10 ئاۋاتلىقى: 782 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆپ قىسىم ئانىلار تاللايدىغان قورساق يارغۇزۇپ تۇغۇش

ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيان ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردا كاسسىچلاپ تۇغۇشنىڭ ئورنىنى ئاستاـ ئاستا  قورساق ياردۇرۇپ تۇغۇش ئىگەللىدى. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە بۇنىڭ سەۋەبى قورساق ياردۇرۇش ئوپراتسىيەسىنىڭ دەرىجىسى ئۆزى تۇغۇشنىڭكىدىن يۇقىرى بولغانلىقىدىندۇر.

بۇ دوختۇرلارنىڭلا سەۋەبى بولۇپ قالماستىن ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلىگە بولغان كۈيۈنۈشى ئاساسىي تەلەپ قىلىنغان ،خاتالىققا يول قويماسلىق بېسىمى ئاستىدا، دوختۇر ۋە ھامىلدار ئاياللانىڭ شۇنىڭدەك تۆۋەنكى شارائىتتا، شەخسىيلەرنىڭ قارىشىچە 2-ھامىلدىن ئىلگىرى، قورساق ياردۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلىپ باقمىغانلار ھامىلە يوغىنىمىغان، ھامىلدار ئايالنىڭمۇ تېنىدە كېسەل كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا پۇتى تۈز ھالەتتە بولمايدۇ. تۇغۇت نورمال بولغان ۋاقىتتا، ئۆزى تۇغۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ، بىراق تۇغۇتتىن بۇرۇن مەسئۇل دوختۇر بىلەن پايدا زىيىنىنى مۇزاكىرىلەشكەندىن كېيىن بىر قارارغا كېلىپ، ئەڭ ياخشى بولغان ئۇسۇلنى تاللاش كېرەك.

ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياتاق ئۇنۋېرسال كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ياتاق ئۇنۋېرسال كېسەللىكى دېگەن نېمە؟

ھامىلدار بولۇپ 8 ئايدىن كېيىن، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ يېتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، باش قىيىش، كۆڭلى ئاينىش، سوغۇق تەرلەش، تەر چىقىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ نەپىسى قىيىنلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەتتا روھىي ھالىتى تۇراقسىز بولۇش كۆرۈلىدۇ، بۇ بولسا ياتاق ئۇنۋېرسال كېسەللىكلىدۇر.

ياتاق ئۇنۋېرسال كېسەللىكىنىڭ خەتىرى؟

ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، بالىياتقۇ روشەن ھالدا چوڭىيىدۇ، ئەگەر ياتقان ھالەتتە بولسا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چوڭ قان تومۇرلار دىۋارى بېسىمغا ئۇچراپ، بولۇپمۇ ئاستى كۆكرەك  ۋىنا تومۇرى بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ۋىنا تومۇرىدىكى قان يۈرەككە قايتىپ كېتەلمەي، قاننىڭ يۈرەككە كېلىش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ. بۇنداقتا يۈرەكنىڭ پۈتۈن ئەزاغا ئەۋەتىدىغان قان مىقدارى ئازلاپ، يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق مۇھىم ئەزالارغا قان يېتىشمەي، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ئېغىر بولغاندا، ناۋادا قان بېسىمى روشەن ھالدا تۆۋەنلىسە، ھەتتا ھامىلدار ئايالنىڭ شۈك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى يېتىشمەي، ئارتېرىيە بېسىمىغا ئۇچرايدۇ. بالىياتقۇغا نىسبەتەن قان تەمىنلىشى ئازلاپ كېتىدۇ، قورساقتىكى ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتەشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشى، ئاستىلىشى ياكى تەرتىپسىز بولۇشى كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا تۇنجۇقۇش ياكى ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلدار ئاياللار قانداق قىلغاندا ياتاق ئۇنۋېرسال كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟

كېچىسى ئۇخلىسۇن ياكى كۈندۈزى ياتقاندا بولسۇن ھەمىشە سول تەرىپىنى بېسىپ يېتىش كېرەك، ئەگەر يېتىش سەۋەبىدىن قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتسە، تېزلىكتە ئورۇن ئالماشتۇرۇش، ياتقان ۋاقىتتا سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش كېرەك ياكى يېرىم يېتىش ھالىتىگە ئۆزگەرتىش كېرەك، شۇندىلا كېسەللىك ئالامىتىدە ياخشىلىنىش بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى