ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتلۇق ئايال قىرقى ئىچىدە تېلېۋىزور كۆرۈش سەۋەبلىك كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك

تۇغۇتلۇق ئايال قىرقى ئىچىدە تېلېۋىزور كۆرۈش سەۋەبلىك كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك

ۋاقتى: 2016-06-05 ئاۋاتلىقى: 742 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغۇتلۇق ئايال قىرقى ئىچىدە تېلېۋىزور كۆرۈش سەۋەبلىك كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك

بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇغۇتلۇق ئايال ئاساسى جەھەتتىن قىرقى مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. تۇغۇتلۇق  ئايالغا نىسبەتەن قىرقى مەزگىلى ئازراق زېرىكىشلىك بىر جەريان ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئېلېكترون دەۋرىدە كۆپىنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن تۇغۇتتىن كېيىن  تېلېۋىزور كۆرمەسلىك، كومپىيۇتېر ئوينىماسلىق  قىلغىلى بولمايدىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئۇنداقتا قىرقى ئىچىدە تېلېۋىزور كۆرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ كومپيۇتېرنىڭ  رادىئاتسىيەسى كۈچلۈك بولۇپ، مۇتەخەسىسلەر ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ. 
    
ئۇنداقتا قىرقى ئىچىدە تېلېۋىزور كۆرۈشكە بولامدۇ؟ ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان تەسىرى چوڭمۇ؟ بىزدە بىر گەپ بار «ھەممە ئىشنىڭ ھەددى ياخشى» دەپ. تېلېۋىزور كۆرۈشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.                   
          
گەرچە دوختۇر تۇغۇتلۇق ئايال قىرقى ئىچىدە كىتاب ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش، مۇزىكا تىڭشاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زېرىكىشلىك كەيپىياتىنى تەڭشەپ ئۆزىدىكى بالا ئېلىپ كەلگەن ھارغىنلىق ئىچى بۇرۇقتۇرۇم بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى يوقاتسا بولىدۇ دېگەن بولسىمۇ، ئەمما تېلېۋىزور كۆرگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. قىرقى ئىچىدىكى ئايال بەك دىققەت قىلىشى كېرەك.

تېلېۋىزور بىلەن چوقۇم مەلۇم ئارىلىق ساقلاش. تېلېۋىزور كۆرگەندە تېلېۋىزور بىلەن بولغان ئارىلىق ئۇنىڭ دىئاگونالىنىڭ 5 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى دەۋردە كۆپىنچە ئائىلىلەردە كەڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور ئىشلىتىدۇ. ئەگەر مېھمانخانا بەك كىچك بولسا ئامال بار كۆرمەسلىك كېرەك.
تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. ئادەتتە 1سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن. شۇڭا تۇغۇتلۇق ئايال ئۆزىنى ئالاھىدە كونترول قىلىشى كېرەك. ئەمما نۇرغۇن ئاياللار ياخشىراق بىرە كىنونى كۆرۈپ قالسا، توختىماي كەينىگە ئۇلاپ كۆرىۋېرىدۇ. ھەرگىز بۇنداق قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا كۆز تالغاندەك ھېس قىلغان ھامان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىۋېتىش ياكى كۆزىنى يۇمۇپ ئازراق ئارام ئالسىمۇ بولىدۇ. تېلېۋىزور قويغان ئېگىزلىكمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. يەنى تۇغۇتلۇق ئايال تېلېۋىزور كۆرگەندە مۇقىم بىر جايدىلا ئولتۇرۋالماسلىقى  ئۇيان-بۇيانغا يۆتكىلىپ  تۇرۇپ كۆرۈشى كېرەك.

قىرقى ئچىدە تېلېۋىزور كۆرۈشكە بولامدۇ-يوق ؟ ئېنىقىنى ئېيتقاندا قىرقى ئىچىدىكى ئايال ئۆزىنى كونترول قىلغان ئاساستا نورمال كۆرگەندە كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە بەدىنىگە بەك چوڭ تەسىر قىلماي پسىخوزومىنى تەڭشەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى