ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىرقى ئىچىدىكى تاماق رىسالىسى

قىرقى ئىچىدىكى تاماق رىسالىسى

ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 1012 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قىرقى ئىچىدىكى تاماق رىسالىسى

تۆت خۇرۇچ  چىلان شورپىسى.
قىرقى ئىچىدە ئادەتتە توخۇ گۆشى ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ. ئۇنداقتا مېكيان گۆشى ياخشىمۇ خوراز گۆشىمۇ ؟ مېنىڭ تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا خوراز گۆشى ياخشى. چۈنكى مېكيان گۆشى بەك مايلىق  ئۇنى يەپ بالا ئېمىتكەندە بالىنىڭ ئىچىنى سۈردۈرىۋېتىدۇ.
قىرقى ئىچىدىكى شورپا سۈيىگە ئادەتتىكى سۇنى ئىشلەتمەي قىرقا سۈيىنى ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى تۇغۇتلۇق ئايال تۇغۇتتىن كىيىن نۇرغۇن سۇ چىقىرىدۇ، بۇ سۇنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى چۆچىتىدۇ. مەن 8 كۈن ياتاقتا يېتىش جەريانىدا كۈندە تەرلەپ پۈتۈن بەدىنىم چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ھەتتا يەتتە سەككىز لۈڭگىمۇ يېتىشمەيتتى. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە كېرەكسىز سۇنىڭ چىقىپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئاسانلا سۇلۇق ئىشىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇغۇتلۇق ئايال داۋاملىق سۇ چىقارغاچقا شۇنداقلا بالا ئىمىتكەچكە ئاسانلا ئۇسسىغاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە تاماقنى تۇزسىز يېيىشى كېرەك. ئەمما تۇزنى پەقەتلا يىمەسلىككىمۇ بولمايدۇ. شورپا قايناتقاندا بولسا مۇۋاپىق دورا-دەرمەك قوشسىمۇ ياخشى بولىدۇ.  بۇ يەردە تونۇشتۇرىدىغىنىمىز دەل كىرەش، كاشىم، ئاق چوغلۇق ۋە پىششىق ئەگرىسۇناي  قاتارلىق تۆت خىل خۇرۇچ قوشۇلغان دورا خالتىسى.

تۆت خۇرۇچ چىلان شورپىسى
【ماتېرىيال】:
 يەرلىك توخۇ، تۆت خىل خۇرۇچ(كىرەش، كاشىم، ئاق چوغلۇق، پىششىق ئەگرېسۇناي)،  چىلان، كۈنجۈت مېيى، زەنجىۋىل، تۇز.
【ئۇسۇل】:
توخۇ گۆشىنى پاكىزە يۇيۇپ توغراپ زاپاس تەييارلاپ، زەنجىۋىلنى يالپاقدايمىز.
قازانغا كۈنجۈت مېيىنى قويۇپ قىززىغاندىن كېيىن زەنجىۋىل ياپىراقچىسىنى تاشلاپ سۇس ئوتتا قورۇيمىز.
تەييارلاپ قويغان توخۇ گۆشىنى قازانغا تاشلاپ، ئوتنى كۈچەيتىپ توخۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگىچە قورىيمىز.
قىرقا سۈيىنى قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن، كىرەش، كاشىم، ئاق چوغلۇق پىششىق ئەگرېسۇناي، چىلانلارنى تاشلاپ بىر ئاز دۈملىگەندىن كېيىن تۇزدىن ئازراق تاشلاپ يېيشكە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى