ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى تۇغۇتلۇق ئايال بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى تۇغۇتلۇق ئايال بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-06-12 ئاۋاتلىقى: 880 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى تۇغۇتلۇق ئايال بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

ئون ئايلىق جاپا-مۇشەققەت، ئون ئايلىق كۈتۈش، بوۋاق ئاخىرى دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇنداقتا قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى ئايال نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى ئايالغا نىسبەتەن ئۆينى پاكىزە، نەم-خۇش ھەم ئسسىق تۇتۇش ناھايتى مۇھىم. ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى20℃~25℃ بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەمما تىمپېراتۇرنىڭ بىردەم يۇقىرى بىردەم تۆۋەن بولۇشىدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. ئادەتتە جەنۇب تەرەپلەردە پار يوق بولغاچقا ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى توك پارۋاي ئارقىلىق ئۆي ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشىسە بولىدۇ. ئەمما ھاۋاسى قۇرغاق شىمال تەرەپكە نىسبەتەن ئۆينىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكى 55% ~65% بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.

بەك تار كىيىم كىيمەسلىك

قىش پەسلىدە ھاۋا بەك سوغاق بولغاچقا، تۇغۇتلۇق ئايال بالا ئېمىتىش شۇنداقلا بالا بېقىش جەريانىدا ئاسانلا سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، ئادەتتە ھامىلدار مەزگىلىدە بەدەندە يىغىلىپ قالغان بىر قىسىم سۇيۇقلۇقلار ئاجرىلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىلگەچكە، بۇ مەزگىلدە بەدەن كۆپ تەرلەپ كىيىم –كېچەك ۋە نەرسە –كېرەكلەر ئاسان مەينەت بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بەدەننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن پات-پات يۇيۇنۇپ كىيىم-كېچەكلەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

 يۇيۇنغاندا سۇنىڭ ئىسسىقلىقىغا دىققەت قىلىپ شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىش.

تۇغۇتتىن كېيىن يۇيۇنغاندا تۇغۇتتىكى ھارغىنلىقنى يوقىتىپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ بەدەننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەتتە تۇغۇپ  بىر ھەپتە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇنسا ئەڭ ياخشى. يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ سوغۇقنىڭ بەدەننىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ تاجاۋۇز قىلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. قىشتا مونچىغا چۈشكەندە بولسا، مونچىنىڭ تېزراق ئىسسىشى ئۈچۈن ئىشىك دېرىزىلەرنى ھىم تاقاپ،  مونچىنىڭ ھاۋا ئىللىتقۇچلىرىنى ئېچىپ تىمپېراتۇرا 20℃قا چىققاندىن كېيىن مۇنچىغا كىرىش كېرەك.

يوتقان نېپىزرەك بولسۇن، كارىۋات بەك يۇمشاق بولۇپ كەتمىسۇن.

قىش پەسلىدە سىرتنىڭ ھاۋاسى جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق، ئەمما ئۆينىڭ ئىچى ئىسسىق. شۇڭا ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشتىن باشقا، ئورۇن كۆرپىلەرنىڭ بەك قېلىن بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. گەرچە قىشلىق يوتقان بولسىمۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكىدىن نېپىزرەك بولۇشى شۇنداقلا چىگە ۋە يىپ قاتارلىق ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يۇمشاق رەخلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. ھەر 1~2ھەپتىدە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كېرەك.

ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەش 

قىرقى ئىچىدە ئوزۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى شۇنداقلا ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سۈت مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. تۇغۇتتىن كېيىن بەدەن ئاجىزلاپ ئاسان قان قېتىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئېشىپ قالغان مۇزدەك تاماق ۋە سوغۇق كېلىدىغان تاماقلارنى قەتتى يېمەسلىك كېرەك. تۇرۇپ قالغان تاماق ئاشقازانغا پايدىسىز، سوغۇق تاماق بولسا قان قېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قورساق ۋە پۈتۈن بەدەن ئاغرىش قاتارلىق كۆپلىگەن كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چاچنى يۇيغان ھامان دەرھال قۇرۇتۇش.

چاچ بەك مەينەت بولسا تۈك خالتىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ، چاچ ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇڭا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانغان ئاساستا چاچنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ تاراپ تۇرۇش كېرەك.

ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرگەندە سالامەتلىككە پايدىلىق.

تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بەدىنى ئىنتايىن ئاجىز، قان ئاز، ھەربىر ئەزا ئەسلىگە قايتىشى بالياتقۇ كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىشى كېرەك، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش زۆرۆر. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما كارىۋاتتا بەك كۆپ يېتىپ كەتسە ئادەمنى ھورۇنلاشتۇرۇپ ماغدۇرسىز قىلىپ قويۇش بىلەن بىرگە قېتىپ قالغان قانلارنىڭ چىقىرىلىپ تاشلىنىشىغا پايدىسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى