ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتتىن كېيىنكى چېچەك

تۇغۇتتىن كېيىنكى چېچەك

ۋاقتى: 2015-11-30 ئاۋاتلىقى: 742 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغۇتتىن كېيىنكى چېچەك

تۇغۇتتىن كېيىنكى چېچەكنىڭ كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى:

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سېرىق تەن ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىدۇ، ھەمدە بالىغا قاراپ ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان يېڭى ئانا بولغۇچىلارنىڭ يۈزىگە بالاغەتكە يېتىش مودۇرى ئۆسۈپ چىقىدۇ.


جۇڭيى تېبابىتىدە، ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى  چېچەكنى ئېچكى ئاجراتمىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن سىرت يەنە روھى بېسىم، بولۇپمۇ ئۇيقۇنىڭ تەسىرگە ئۇچىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىرىقى ئېچىدە كۆپ مىقداردىكى تولۇقلىمىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىيالمىغانلىق سەۋەبىمۇ بار.

تۇغۇتتىن كېيىنكى مودۇرنى يوقىتىش ئۇسۇلى:
داۋاملىق يۈزىنى يۇيۇپتۇرۇش كېرەك، خاراكتېرى مۆتىدىل بولغان يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى تاللاش كېرەك، يەنە  ℃37 ئەتراپىدىكى ئىلمان سۇ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. 

قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش، مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش، ئاشقازان ۋە  ئۈچەينىڭ چىقىرىپ تاشلىشىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

يېمەك-ئىچمىكىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، تۇغۇتتىن كېيىن ھەددىدىن زىيادە تولۇقلاش قىلماسلىق كېرەك. 

كەسپى دوختۇرخانىغا بىرىپ رەڭلىك نۇردا تېرە يۇمرانلاشتۇرسا بولىدۇ. رەڭلىك نۇر ئۈنۈملۈك ھالدا تېرە بېزىگە تەسىر قىلىپ، تېرە بېزىنىڭ رولىنى تەڭشەپ ۋە كونترول قىلىپ مايلىق تېرىنى ئۆزگەرتىپ، مودۇنى يوقىتىدۇ.

ماي دانچىللىرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى:

بەدەننىڭ ئىچكى قىسىم ئامىلى: يۈزگە ماي دانچىللىرىنىڭ چىقىشىنىڭ سەۋەبى يىقىنقى مەزگىلدە بەدەن ئىچىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلاردا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، يۈز قىسىمىغا ماي دانچىللىرىنىڭ كۆپ مىقداردا ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تېرە پاكىز تازىلانمىغانلىقتىن، تەر تۆشۈكچىللىرىنى توسۇپ، كىچىك-كىچىك ماي دانچىللىرىنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن.

سىرىتقى ئامىل: ئىشلىتىۋاتقان تېرە ئاسىراش بويۇملىرى بەك مايلىق بولۇشى مۈمكىن، بۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەب.

ماي دانچىللىرىنى يوقىتىش تەكلىپى:

ماي دانچىللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدى بىلەن ياخشى پاكىزلاش، ھەر كۈنى كەچتە چوڭقۇر قاتلامدىكى تېرىنى تازىلاش مېيىنى ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئەگەر سىزنىڭ تېرىڭىز ئاسان ماي دانچىللىرى ھاسىل بولىدىغان تېرە بولسا، تېرە ماددا ئالمىشىشىنىڭ ئاستا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، قەرەللىك ھالدا مۆتىدىل بولغان مۆڭگۈز ماددىسىنى يوقىتىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ، كونىرىغان مۆڭگۈز ماددىلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ماددا ئالمىشىشىنى نورماللاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
ھاسىل بولۇپ بولغان ماي دانچىللىرىغا نىسبەتەن، بىر قىسىم سالىتسىلىك كىسلاتا مەسسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق توسۇلۇپ قالغان تەر تۆشۈكىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ماي دانچىللىرىنى تەبئىي چۇشۇرسە بولىدۇ.


يۈز تازىلاش مەلىھىمى، ئاقارتىش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بۇلارنىڭ تېرىگە زىيىنى باركى پايدىسى يوق، تېرىنىڭ تەبئىي قوغداش پەردىسىنى بۇزىۋىتىدۇ، مۈڭگۈز ماددا قىسىمىنڭ سىرىتىدىكى باكتېرىيە، مىكروبلار، چاڭ-توزان قاتارلىقلارغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، تەبئىي مۆتىدىل بولغان  يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقى ۋە تېرە ئاسىراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.دائىم جەۋھەر ئېلمېنت قاتارلىق يۇقرى ئوزۇقلۇق تېرە ئاسىراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، تېرىنىڭ باكتىرېيەنى چىقىرىپ تاشلايدىغان تەبئىي تۇرۇبا يولىنى توسۇپ قويۇپ، كىرگۇزىدۇ لېكىن چىقارمايدۇ، تېرە تۆشۈكىنىڭ يوغىنىشىنى، تۇسۇلۇپ قىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇنداق داۋاملاشسا ماي ماددىلىرىنى ۋە يۇشۇرۇن چىقان ھاسىل قىلىدۇ.

دىققەت قىلىش كېرەككى، ماي دانچىسى ئاسانلا تەر يولى ئۆسمىسى، ياپىلاق سۆگەل بىلەن ئارىلىشىۋالىدۇ، ئۇنداق بولغاندا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، ئېنىقلىغاندىن كېيىن كېسەلگە قاراپ دورا بىرىش كېرەك. ئەگەر ماي ماددىسىنى چىقىرىۋەتمەكچى بولسا دوختۇرخانىغا بىرىپ سېستىراغا ئالدۇرۇش كېرەك، بۇنداق قىلىش پەردازخانىغا بىرىپ ئالغۇزغاندىن كۆپ بىخەتەر. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى