ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۆز قىسىمىدىكى كىچىك قورۇقلار

كۆز قىسىمىدىكى كىچىك قورۇقلار

ۋاقتى: 2016-06-17 ئاۋاتلىقى: 834 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆز قىسىمىدىكى كىچىك قورۇقلار

كۆز قىسىمىدىكى كىچىك قورۇقلارنىڭ سەۋەبى:

يۈز قىسىمىدىكى مۇسكۇللار ئىچىدە كۆزنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار ئەڭ نېپىز. بۇ مۇسكۇللارنىڭ تېرە بېزى، تەر بېزى يوق، ئىنتايىن نېپىز، يۈز قىسىمىدىكى باشقا مۇسكۇللار قېلىنلىقىنىڭ 5/3-5/1گە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا كۆزنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى موسكۇللارنىڭ قوغداش ئىقتىدارى ئاجىز، تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى ئاسان پارلىنىپ كېتىدۇ. سۇ قوغداش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تېخىمۇ ئاسان قورۇق پەيدا قىلىدۇ.

يۈز قىسىمىدىكى قورۇقنى سۇسلىتىش تەكلىپى:

1. ئەلا سۇپەتلىك كۆز مەلھىمىنى تاللاش
2. كۆز مەلھىمىنى ئىشلەتكەندە ھەرىكەت سىلىق بولۇش كېرەك. ئاستا ئۇۋۇلاپ، كۆز مەلھىمىنى تېرىنىڭ چوڭقۇر قىسىمىغا سېڭدۈرۈش كېرەك.
3. كۆز بولسا نۇرغا ئەڭ سەزگۈر ئەزا، كۈچلۈك بولغان نۇر ئاستىدا قارا كۆزئەينەك تاقاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، كۆزنى ئاسراش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈنۈملۈك ھالدا كۈچلۈك نۇرنىڭ چۈشۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىنجىلاپ قاراشنىڭ قورۇق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى توسىدۇ.
4. ئەتتىگەن-كەچ بىر قېتىمدىن كۆزنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.


كۆزنى ئۇۋۇلاش ماھارىتى

1- باسقۇچ قول بارمىقىنى  مۇۋاپىق مىقداردىكى  كۆز مەلھىمى بىلەن ھۆللىۋىتىپ ياكى قولنى بىر-بىرىگە سۈركەپ ئىسسىتىپ، (1) يۆنىلىشنى بويلاپ،كۆزنىڭ ئاستىقى قىسىمدىن سىرتىدىن ئىچىگە سىلىق ئۇۋۇلايمىز، ئاندىن (2) يۆنىلىشنى بويلاپ، ئىچىدىن سىرتىغا ئاستا سىيرىلدۇرىمىز، ئارقىمۇ-ئارقا 3 قېتىم ئىشلەيمىز.
باسقۇچ ئوتتۇرا بارماق ئالقان تەرىپى بىلەن كۆزنىڭ قۇيرۇقىدىن كۆزنىڭ باش تەرىپىنى بويلاپ، كىچىك چەمبىرەك يۆنىلىشىدە ئاستا قۇشۇمىغىچە ئۇۋۇلايمىز.
باسقۇچ باش بارماقنىڭ ئالقان تەرىپى بىلەن قاشنىڭ پەللە نوقتىسىنى 5-3 مىنۇتقىچە بېسىپ تۇرىمىز.
4-باسقۇچ   قاشنىڭ قۇيرۇقىدىن قۇشۇمىغىچە باش بارماق بىلەن ئاستا سىيرىمىز.
5-باسقۇچ    ئىككى قولنى سۈركەپ ئىسسىتىپ ئىككى قولنىڭ تۆت بارمىقىنى ئىشلىتىپ ئاۋال ئاستاغىنە ئوڭ كۆزنىڭ باش تەرىپىنى بېسىپ، ئاستا-ئاستا كۆزنىڭ قۇيرىقى تەرەپكە سىيرىمىز. ئوڭ-سول قولنى نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ ھەرىكەتلەندۈرسە كۆز بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ.
6-باسقۇچ   ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىككى قولنىڭ تۆت بارمىقىنى ئىشلىتىپ، سول كۆزگە سىيرىلىش ھەرىكىتى ئىشلەيمىز، ئوڭ-سول ھەربىرى  3 قېتىمدىن قىلسا بولىدۇ.
7-باسقۇچ   ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىنى ئىشلىتىپ ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى كۆزنىڭ ئەتراپىدىكى پەللە نوقتىللىرىنى باسىمىز(تەرتىپ بويىچە1-7)، ھەر بىر پەللە نوقتىسىنى باس قاندا 4-3 سىكونت توختىتىش كېرەك.
8-باسقۇچ      ئىككى قولنى سۈركەپ ئىسسىتىپ، بىر-بىرىگە بىرلەشتۈرۈپ كۆز ئالمىسىنىڭ ئۈستىگە ئاستاغىنە قويىمىز، 4-3 سېكونت داۋاملاشسا بولىدۇ، تەكرار 3 قېتىم قىلىمىز.


كۆز قىسىمىدىكى پەللىنىڭ نامى

1. سىرىتقى شارچە ئارقا پەللە، كۆز چانىقى تۆۋەنكى گىرۋىكى سىرىتقى تەرەپ 4/1ئورۇن.
2. چېڭچى پەللىسى، ئۇدۇل قارىغاندىكى كۆز ئالمىسىنىڭ دەل ئاستى قىسىمى(ئاستىنقى كۆز قاپىقىنىڭ مەركىزى)
3. ئىچكى شارچە  ئارقا پەللىسى، كۆز ئالمىسى ئاستىنقى گىرۋەك ئىچكى تەرەپ 4/1 ئورۇن
4. جىڭمىڭ پەللىسى، كۆزنىڭ ئىچكى بۇلۇڭ چاناق سۆڭىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئورۇن(سۈۋەنجۇ پەللىسىنىڭ ئاستى)
5. سۈەنجۇ پەللىسى، قوشۇمىنىڭ  ئولتۇرۇشۇپ كەتەن ئورۇنى.
6. سىجۇ پەللىسى قوشۇما مەركىزىنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئورۇن.
7. ۋەيمىڭ پەللىسى   قوشۇما ئاخىرى ئىچكى تەرەپ 3=1ئورۇن
تېرە قۇرغاقلىشىش  

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى