ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش

تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 734 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش

بىرىنجى  مۇۋاپىق سۇ ئىچىش

ئەتتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن ئاۋال بىر چوڭ ئىستاكان مېنىرال سۇ ئىچىش، بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى غىدىقلاپ، ئىچكى ئەزالارنى خىزمەت ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ، ئەگەر يېڭى ئانا بولغۇچىلار قەۋزىيەت سەۋەبىدىن بولغان بولسا، سۇغا تۇز قوشۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

يېڭى ئانا بولغۇچىلار تۇغۇتتىن كېيىنكى بىرىنجى ھەپتىسىدە ئەڭ ياخشىسى سۇنى ئاز ئىچىشى كېرەك، ئەگەر ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك بىرىنجى ھەپتە بولۇپ قالسا ‹سۇ ئارقىلىق ئىششىق ياندۇرۇش› مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە، سۇ ئىچىشنى چەكلەشكىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا ماددا ئالمىشىشقا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنجى تالا ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش 

ۋىتامىن E تېرىنىڭ قېرىشىغا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، يەنە ياغ قوڭۇر رەڭلىك ماددىنىڭ تېرىگە يىغىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەر: كاللەكبەسەي، ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى مېيى، قىچا مېيى قاتارلىقلار.

ۋىتامىن a,b2 مۇ تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ سىلىقلاشتا كەم بولسا بولمايدۇ. ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن aكەم بولسا تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، يېرىكلىتىپ، كېپەك قىلىۋىتىدۇ. ئەگەر ۋىتامىن b2 كەم بولسا جاۋغايلار ئاقىرىش، لەۋنىڭ تېرىللىرى يېرىلىش، كېپەك بولۇش ھەمدە رەڭگى قېنىقلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن a كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر: ھايۋانات جىگىرى، بېلىق مىيى، كالا سۈتى، قايماق، قۇش تۇخۇمى، ھەمدە رەڭلىك كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە.

ۋىتامىن b2 مول بولغان يېمەكلىكلەر: جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلار.

ئۈچىنجى كوللاگىن ۋە ئېلاستىن مول بولغان يېمەكلەرنى سۈمۈرۈلىشىنى كۈچەيتىش .

تۇغۇتتىن كىيىنكى ئاياللاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە قورساق قىسىمىدا بولىدۇ، چۈنكى قورساق قىسىمىنىڭ تېرىسى تۇغۇش جەريانىدا  ھەددىدىن زىيادە سوزۇلىدۇ ۋە ئوپىراتسىيە پىچىقىدا زەخمىلىنىدۇ، تۇغۇتتىن كېيىنكى 100 ﹪ئاياللاردا قورساق قىسىمى بوشىشىدۇ، تۇغۇت دىغى، قوڭۇر رەڭلىك داغ ۋە تارتۇق قالىدۇ، گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى.


مۇۋاپىق مىقداردا  كوللاگېن  تولۇقلاش ھۈجەيرىنى تولغۇزۇپ، مۇسكۇلنى تولۇقلايدۇ، قورۇقنى ئازايتىدۇ، ئېلاستىن تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ، تېرىنى سىلىق ھەم ئەۋرىشىم قىلىدۇ. 

سەمىمىي ئەسكەرتىش:  كوللاگىننى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاش كېرەك.

تۆتىنجى ئۆزى ئۇۋۇلاشنى ئۆگۈنۈش 


تۇغۇتتىن كېيىنكى 2-ھەپتىدىن باشلاپ يېڭى ئانا بولغۇچىلار ئۆزىنىڭ پۇتىنى، قولىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ، چەمبەر شەكىلىدە، ئاستىدىن ئۈستىگە، ئاستاغىنە 15 مىنۇت،  ئەڭ ياخشىسى ئازراق ئىسسىق ھېس قىلغىچە ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا ھەرگىز قورساق قىسىمىنى ۋە بەل قىسىمىنى ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ. ئادەتتە، يېڭى ئانا بولغۇچىلار، ئاڭلىق ھالدا چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ قورساق قىسىمىنى قىسىپ، بەزى ئاددىي تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش گىمناستىكىسىنى ئىشلىسە بولىدۇ.

سەمىمي ئەسكەرتىش: بەزى يېڭى ئانا بولغۇچىلار تۇغۇتتىن كېيىن دەرھال قورساقنى سىقىدۇ، بۇنداق قىلىش خاتا، قورساق قىسىمىنىڭ جىددىي ھالىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بىرەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە قورساق بىسىمىنى ئاشۇرۇۋىتىدۇ، تۇغۇتتىن كېيىنكى تىرىگۈچى توقولمىلار ۋە پەيلەرنىڭ كۆپىيىش سىستىمىسىغا بولغان تېرەش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، بالا ياتقۇ ساڭگىلاپ قىلىش، ئېغىر دەرىجىدە ئارقىغا قىيسىيىش، ئارقىغا ئېگىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەشىنجى ئېشقارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا ئېستىمال قىلىدىغان تۇخۇم، گۆش، بېلىق، قۇشلار، قارا ئاشلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى فىزىئولوگىيىلىك كىسلاتالىق يېمەكىك. كۆپ مىقداردىكى كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە قاننىڭ تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى، سۈيدۈك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئورگانىك كىسلاتا ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ تاشلانمىغاندا، سەزگۈر بولغان سىرىتقى ھۈجەيرىگە ھۇجۇم قىلىپ، تېرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىدۇ. بەدەن ئىچىدىكى ئوتتۇرا ھال كىسلاتالىق تەركىبنى ساقلاش ئۈچۈن، ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك، مەسىلەن، ئالما، ئامۇت، لىمۇن  ۋە كۆكتات  قاتارلىقلار.
سەممىي ئەسكەرتىش: قىرىقى ئېچىدىكى يېڭى ئانا بولغۇچىلار قۇۋۋەت تولۇقلاش كېرەك، بىراق يېمەك-ئېچمەكنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ھەممىدە گۆشنى ئاساس قىلماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلمسا بەدەننىڭ كىسلاتا- ئىشقار تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى