تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆكسى پەرۋىشى(1)
ۋاقتى: 2015-04-12
ئاۋاتلىقى: 634 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆكسى پەرۋىشى
تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆكسىنىڭ ئۆزگىرىشى: يېڭى ئانا بولغۇچىلار تۇغۇتتىن كېيىن كۆكسىنىڭ ئىنتايىن يوغىناپ كەتكىنىنى، باسقاندا كۆرۈنەرلىك ئاغرىيدىغانلىقىنى، بەزىدە قولتۇق ئاستى لىمفالارنىڭمۇ ئىششىپ كەتكىنىنى، ئاغرىيدىغانلىقىنى، ھەتتا كۆكسى ساڭگىلاپ كەتكەندەك ئالامەتلەرنى ھېس قىلىشى مۈمكىن.
تۇغۇتتىن كېيىن كۆكسىنى قانداق پەرۋىش قىلىدۇ؟!
توغرا بولغان لىپتىك تاللاش:
1. لىپتىكنى تاقىغاندا بېسىش سېزىمى ھېس قىلسا بولمايدۇ، ھەمدە بەك كىچىك بولماسلىقى، كۆكسىنىڭ ھەممە قىسىمىنى ئوراپ تۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.
2. لىپتىكنىڭ ئاسما بېغى بەك بوش ياكى بەك تارتىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
3. لىپتىكنىڭ كۆپتۈرمە قىسىمىنىڭ ئارىلىقى مۇۋاپىق بولۇشى، بەك يىقىن ياكى بەك يېراق بولماسلىقى، ئىشلەپ چىقارغان ماتىرىيالى ئەڭ ياخشىسى ساپ پاختا بولۇشى، خىمىيىلىك تالا رەختى بولماسلىقى كېرەك.
ئۆلچەملىك ئېمىتىش ھالىتى:
1. بوۋىقىنى كۆكسى قىسىمىغا بەك يېقىن چاپلاشتۇرىۋالماسلىق كېرەك. ئۇنى ئۆلچەملىك ھالدا ئېمىتكەندە ئۇنىڭ چېكىسىنىڭ ۋە قۇلىقىنىڭ كىچىككىنە تىتىرىگىنىنى بىلگىنى بولىدۇ. ئەگەر ئېمىتىش ھالىتى توغرا بولسا، كۆكسى تۇگمىسىنىڭ ئىششىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
2. كۆكسىنى ئاستى قىسىمىدا، بىر قولىنى تەكشى ھالدا قوۋۇرغا ئۈستىگە چاپلاشتۇرۇپ، كۆكسىنى تىرەپ، كۆكسىنىڭ ئۇچ قىسىمىنىڭ بېسىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق بولغاندا كۆكسى تۇگمىسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، سۈت بىزى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھەر قېتىم ئېمىتكەندە ئوخشاش بولمىغان كۆكسىنى ئېمىتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىكى كۆكسىنڭ بېسىمغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدۇ.
4. ئېمىتىشتىن بۇرۇن، كۆكسىگە ئازىراق ئىلىمان سۇ سېپىۋەتكەندە سۈتنىڭ ئاجىرىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا بوۋاق ئەمگەندە كۈچ سەرپ قىلمايدۇ.
5. ئېمىتكەندىن كېيىن، سوغۇق لۆڭگىدە كۆكسىنى سۈرتۈپ تازىلىسا، قان تومۇرلارنى قىسقارتىپ، كۆكسىنىڭ ئىششىپ كېتىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكىنى بولىدۇ.
كۆكسىنى پاكىز ساقلاش كېرەك
1. يۇيۇنغاندا، پۈركۈمە جۈمەك بېشى بىلەن كۆكسىنى يۇيۇش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئىسسىق سۇ بىلەن سوغۇق سۇنى ئالماشتۇرۇپ پۈركۈش كېرەك، ئىسسىق سوغۇقنىڭ ئالمىشىپ غىدىقلىشى كۆكرەك قىسىمىدىكى تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆكرەك قىسىمىدىكى قان ئايلىنىشنى ئېلگىرى سۈرىدۇ.
2. ئادەتتە ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن، پاكىز ئىلىمان سۇ بىلەن كۆكسىنى ۋە كۆكسى تۈگمىسىنى سۈرتۈپ پاكىزلاش كېرەك. ھەرگىز سوپۇندا ياكى ئىسپىرىت تۈرىدىكى خىمىيەلىك بويۇملارنى ئىشلىتىپ سۈرۈتمەسلىك كېرەك. بولمىسا كۆكرەكنىڭ قىسىمەن مۇداپىئە ئىقتىدارى ئاجىزلاش سەۋەبىدىن كۆكسى تۈگمىسى يېرىلىپ باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.