ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆكسى پەرۋىشى(2)

تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆكسى پەرۋىشى(2)

ۋاقتى: 2015-06-18 ئاۋاتلىقى: 936 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆكسى تۈگمىسى قىپىنى ئىشلىتىش 


ئاغرىغان كۆكسى تۈگمىسىنى قوغداش ئۈچۈن، كۆكسى تۈگمىسى قېپىنى ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ. ئېمىتكەندە كۆكسى تۈگمىسى  قىپىنى كۆكسى تۈگمىسى ئۈستىگە قاپلاپ، بوۋاقنى قاپلىمىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېمىتىش كېرەك. كۆكسى تۈگمىسىنىڭ كۆكسى قېپى ئارىسدا تۇرغۇزۇلىشىغا ئاسان بولۇش ئۈچۈن قولىنى كۆكسى ۋە قوۋۇرغا سۆڭەك ئارىسىغا قويۇپ ئاستا-ئاستا يۇقۇرىغا قىستاش كېرەك، بۇ خىل ئۇسۇل بوۋاققا كۆكسى تۈگمىسىنى تولۇق شوراتقۇزۇپ، ئاغرىۋاتقان كۆكسىنىڭ  زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
      
كۆكسىنى ئۇۋۇلاش

بىر قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى ، ئوتتۇرا بارمىقى، نامسىز بارمىقىنى قارشى تەرەپتىكى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆكسى  تۈگمىسىنى مەركەز قىلىپ سائەت ئېستىرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ كۆكسىنىڭ سىرىتقى قىسىمىدىن ئېچگە قاراپ ئايلاندۇرىمىز، ھەر بىر كۆكسىنى ئايرىم ئايرىم ھالدا 10قېتىم قىلىش كېرەك.  بۇ خىل ئۇسۇل قىسمەن قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆكسىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىدۇ، ھەمدە ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 
  
كۆكرەك ئاسراش ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇش 

1. يېڭى ئانا بولغۇچىلار تۇغۇتتىن كېيىن ھەر كۈنى ئاددىي بولغان كۆكرەك كېڭەيتىش ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە كۆكرەك قىسىمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ چىنىقىشىغا ياردەم بىرىدۇ، ئەگەر بىر قىسىم مەخسۇس تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتۇرۇش گىمناستىكىسىنى قىلالىسا تېخىمۇ ياخشى. 
2. چىللە مەزگىلىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا، يېڭى ئانا بولغۇچىلار ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغان ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئاڭلىق ھالدا قورسىقىنى قىسىش، قورساق مۇسكۇللىرىنى بەك بوشىتىۋەتمەسلىك كېرەك. 
3. بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى چىنىقىشنىمۇ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ئادەتتە ئىككى پۇتىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنى قىلسىمۇ بولىدۇ، ھەر كۈنى كەم دېگەندە 30-20 قېتىم ئوڭدا يېتىپ قوپۇش ھەرىكىتىنى قىلىشى، ھەمدە قول ۋە پۇتىنىڭ ئۈچى بىلەن يەرنى تىرەپ يېتىپ يۇقىرى تۆۋەن ھەرىكەتلىنىش ھەرىكىتىنى ۋە گانتېل كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى قىلسا قورساق ، بەل، ساغرا قىسىمدىكى مايلارنىڭ يىغىلىشىنى ئازايتىدۇ، ھەمدە كۆكسىنىڭ ساڭگىلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەن شەكلىنى ئاستا- ئاستا گۈزەللەشتۈرىدۇ.
4. تۇغۇتتىن 6 ئاي كېيىن چىنىقىش ئۆيىگە بېرىپ سەكرەش گۈزەللىك گىمناستىكىسى قىلسا بولىدۇ.
  

ئالدىراپ يېمەكلىك چەكلىمەسلىك كېرەك
1. يېمەكلىك چەكلەش  كۆكرەك توقۇلمىللىرىنى سۇغا كىرىشتۈرىۋېتىدۇ، تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئەسلىگە قايتىشىغا 1 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك.
2. B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار بولسا بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ  مۇھىم بولغان تەركىبى قىسىمى. ۋىتامىن E بولسا ئانىلىق ھورمۇننىڭ تەڭشىلىشىدە مۇھىم بولغان ماددا، شۇڭا بۇ خىل ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيش كېرەك. مەسىلەن ئورۇق گۆش، تۇخۇم، سۈت، پۇرچاق، سەۋزە، نېلۇپەر، خاسىڭ، ئارپا ئۈندۈرمىسى، ئۈزۈم، كۈنجۇت قاتارلىقلار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى