ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى

زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى

ۋاقتى: 2016-02-23 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

ئەگەر ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئىچىدە بىر تەرەپ زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىسىنىڭمۇ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %48 گە يېتىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككىلا تەرەپتە بۇ خىل كېسەل بولسا، بالىسىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %70 كە يېتىدۇ. بالا بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ ئوخشاش بىر ماددىغا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشى ناتايىن، (يەنى ئۇلارغا ئوخشاش بىر ماددا رېئاكسىيە قىلىشى ناتايىن) لېكىن بىز بۇنىڭدىن بەزى بېشارەتلەرنى بىلەلەيمىز، بوۋاقلارغا ھەرخىل يېمەكلىكلەرنىڭ رېئاكسىيە قىلىش ئىپادىلىرى ئادەتتە: تەمرەتكە چىقىش، ئىچى سۈرۈش، زىققا بولۇش، قۇسۇش، بۇرنى قاناش قاتارلىقلار. سۈت، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قوناق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، بۇغداي، پۇرچاق قاتارلىقلار ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەرنى بالىنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك تۈرىدىن چىقىرىۋېتىش لازىم. بۇ ئادەتنى بىر نەچچە يىلغىچە داۋاملاشتۇرغاندا %30 زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسىمۇ چوڭ تەسىرى بولمايدۇ، لېكىن بالىلارنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، قۇلۇلە قېپى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يېنىكلىمەيدۇ ياكى يوقاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ بالىلارنى بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرگە يېقىنلاشتۇرماسلىق لازىم.

بۇرۇندىن سۇيۇقلۇق ئېقىش، توختىماي چۈشكۈرۈش، كۆزىدىن ياش ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر گۈل چاڭلىرى، چاڭ-توزان، باكتېرىيە قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشىتىن كېلىپ چىيقان زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسلىرىدۇر. بۇ ئادەتتە ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلاردا يۈز بىرىدۇ. ئەگەر بالىلاردا بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئائىلە باشلىقى بۇخىل ئەھۋالنى زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلى دەپ چۈشەنسە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى