ئىرسىي كېسەللىكلەرنى بالدۇر بايقاش ۋە داۋالىتىش
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئىرسىي كېسەللىكلەر بالىلىق دەۋردە ياكى ئۆسمۈرلۈك دەۋردە ھەتتاكى قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى دىياگنوز قويۇپ، داۋالىتىش ئېلىپ بارالىسا، بەزى ئىرسىي كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: گالاكتىۋىزىلىق كېسىلى، ھامىلە تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ھەپتىدىن بىر نەچچە ئايغىچە، بۇ ۋاقىتتا تاماق يېمەسلىك، جىگىرى ئىششىپ كېتىش، كۆزىگە ئاق چۈشۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق بىنورمال ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بايقاپ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارسا ۋە سۈت بىلەن بېقىشتىن توختاتسا، يەنى سۈتنىڭ ئورنىغا گۈرۈچ شورپىسى، گۆش شورپىسى قاتارلىق ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلدۇرسا، بۇ خىل ئىرسىي كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانا بىنورمال ئالامەتلەرنى بايقىغان ھامان، بولۇپمۇ ئەقلىي ئىقتىدارىدا توسالغۇ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان ھامان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتۈش لازىم.