ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ تەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ تەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

ۋاقتى: 2016-03-16 ئاۋاتلىقى: 530 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندىكى ھالىتى بەلكىم تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى بىلەن ناھايىتى چوڭ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، بوۋاقنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندىكى تېرىسىنىڭ رەڭگى بولسا سۇس بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ، لېكىن بىر مىنۇتتىن كېيىن بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىشىگە ئەگىشىپ تېرىسىنىڭ رەڭگى ناھايىتى تېزلا قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ، پۈتۈن بەدىنى ئېگىلگەن ھالەتتە، بۇ بەلكىم بوۋاقنىڭ بالىياتقۇدەك كىچىك بوشلۇق ئىچىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئۇنىڭ گەۋدىسى نىسبەتەن ئۇزۇن، بىلەك ۋە پۇتى نىسبەتەن قىسقا بولىدۇ.
ئېغىرلىق يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
بوۋاقنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3~3.3 كىلوگرامغىچە بولىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 30~40 گىرامغىچە، ھەر ھەپتىدە 200~300 گىرامغىچە، بىر ئايدا تەخمىنەن 1000 گىرام (بىر كىلوگىرام) ئاشىدۇ.
بوي ئېگىزلىكىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر بولۇپ، ئوغۇل، قىز بوۋاقلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىدە 0.2~0.5 سانتىمېتىرغىچە پەرق بولىدۇ. تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بوي ئېگىزلىكى بىلەن ئىرسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس. ئېيىغا توشۇشنىڭ ئالدى كەينىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3~5 سانتىمېتىرغىچە ئۆسىدۇ.
باش ئايلانمىسىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ باش ئايلانمىسى تەخمىنەن33~35 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ، ئېيىغا توشۇشنىڭ ئالدى كەينىدە2~3 سانتىمېتىرغىچە چوڭىيىدۇ.
مېڭە لىپىلدىقىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئالدى مېڭە لىپلدىقنىڭ يانتۇ ئوقى تەخمىنەن 2.5 سانتىمېتىر بولىدۇ، بىر سانتىمېتىردىن كىچىك ياكى 3 سانتىمېتىردىن چوڭ بولسا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى