ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

ۋاقتى: 2016-06-29 ئاۋاتلىقى: 565 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھاياتلىقنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە، بوۋاقنىڭ ئاساسلىق بەدەن ھەرىكىتى بولسا رېفلېكس، مەسىلەن، سىز بارمىقىڭىزنى ئۇنىڭ ئېغىزىغا سالغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ قولىڭىزنى رېفلېكسلىق شورايدۇ، كۈچلۈك نۇرغا يولۇققاندا كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ. تۆۋەندىكىلىرى بولسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە ھەپتىدىكى كۆزىتىشكە بولىدىغان رېفلېكىسىرى:
مور رېفلېكىسى (بوۋاقلارنىڭ بىر خىل شەرتسىز رېفلېكىسى): بوۋاقنىڭ بېشى تۇيۇقسىز يۆتكەلگەندە، ياكى ئارقىغا ئۆرۈلگەندە (ئارقىغا يېقىلغاندا)، ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چۆچۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئىنكاسى--قول پۇتنى ئېچىپ، بوينىنى سوزۇپ، ئاندىن تېز سۈرئەتتە بىلىكىنى يىغىپ يىغلاشقا باشلايدۇ.
ئورۇندا تۇرۇش رېفلېكىسى: قولىڭىز بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ پۇتىنى بىر تەكشىلىككە دەسسەتسىڭىز، ئۇ بىر پۇتىنى يەنە بىر پۇتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، خۇددى مېڭىۋاتقاندەك قىلىدۇ.
ئوزۇقلىنىش رېفلېكىسى: سىز ئۇنىڭ قوۋۇزىنى ياكى تاڭلىيىنى يېنىككىنە چەككەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇ بېشىنى قولىڭىز تەرەپكە بۇرايدۇ، بۇ ئېمىتكەندە ئەمچەك توپچىسىنى تېپىشقا پايدىلىق.
قېتىپ قېلىش خاراكتېرلىك قىسقىرىش رېفلېكىسى: بېشى بىر تەرەپكە قىيسايغان ۋاقىتتا، شۇ تەرەپتىكى قولنى سوزۇپ، يەنە بىر تەرەپتىكى قولىنى ئېگىۋالىدۇ.
قېتىپ قېلىش خاراكتېرلىك  بويۇن رېفلېكىسى: بوۋاقنىڭ قولىنى چەككەن ۋاقىتتا، ئۇ دەرھال سىزنىڭ قولىڭىزنى تۇتۇۋالىدۇ.
پۇتىنى تۇتۇش رېفلېكىسى: پۇتىنىڭ تاپىنىنى چەككەن ۋاقىتتا ئۇ پۇتنى ئېگىپ پۇت بارمىقىنى ئېگىۋالىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى