ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

ۋاقتى: 2016-03-12 ئاۋاتلىقى: 670 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

كۆرۈش سەزگۈسى: بىرىنچى ئاي ئىچىدە، بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، تۇغۇلغان ۋاقىتتا پەقەت ئەتراپىنىلا كۆرەلەيدۇ، بارا-بارا ئۇ ئالدىدىكى 8~12 دىيۇمغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جىسىملارنى كۆرۈشكە قىزىقىدۇ، ئېيىغا توشقاندا ئۈچ مېتىر يىراقلىقتىكى جىسىملارنىمۇ كۆرەلەيدۇ، ئۇمۇ يۆتكىلىۋاتقان جىسىملارغا ئەگىشىشنى ئۆگىنىدۇ، ھەمدە ئاق قارا ياكى سېلىشتۇرما دەرىجىسى بولغان نەقىشلەرنى، ئادەملەرنىڭ چىرايى ھەتتا باشقا رەسىملەرنىمۇ كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىنىڭ چىرايىنى كۆرۈشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، ئانا بوۋاققا تىكىلىپ قارىغاندا، بوۋاق پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئانىنىڭ چىرايىغا (يۈزىگە) قارايدۇ، كۆزى نۇرلىنىپ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا خوشاللىقىدىن پۇت قوللىرىنى مىدىرلىتىپ ئويناپ كېتىدۇ.
ئاڭلاش سېزىمى: تۇغۇلۇپ بىرىنچى ئايدا بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي يېتىلىپ بولىدۇ، ئۇ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ. يەنە شاۋقۇنلارغىمۇ سەزگۈر بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۆزى ئاڭلىغان بىر قىسىم ئاۋازلارنى ئەستە تۇتالايدۇ، بېشىنى ئۆزىگە تونۇش بولغان ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى