ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«زىيادە پاكىزلىق» بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز

«زىيادە پاكىزلىق» بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز

ۋاقتى: 2016-07-21 ئاۋاتلىقى: 631 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدىغان ئەنگلىيەلىكلەردە ئانافىلاكسىيەلىك (زىيادە سەزگۈرلۈك) كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۆپەيگەن. بۇلتۇر ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ تازىلىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 610 مىليون فوند ستېرلىڭغا يەتكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانافىلاكسىيەلىك (زىيادە سەزگۈرلۈك) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 6000 كىشى ھايۋانلارغا، يېمەكلىكلەرگە بولغان زىيادە سەزگۈرلۈك تۈپەيلىدىن داۋالىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغىنى بالىلار بولۇپ، ئۇلاردا ئانافىلاكسىيەلىك  كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەۋېتىپتۇ.
كىلىنىكىلىق ستاتىستىكىدىن قارىغاندا، ئاللېرىگىيەلىك بۇرۇن يەللىكى، زىققا قاتارلىق ئانافىلاكسىيەلىك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تەدرىجىي ئۆرلەۋېتىپتۇ. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تازىلىققا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشى بالىلاردا ئەتراپتىكى مۇھىتقا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تاشقى مۇھىت بىلەن توختىماي ئۇچراشتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتكەندە، ئۇلار ۋىرۇس، مىكروبلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىمۇ ئاسان ئاغرىپ قالمايدىغان بولىدىكەن. شۇڭا بالىلارنى مۇۋاپىق «قويۇۋېتىپ بېقىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك ئىكەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى