ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش

بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش

ۋاقتى: 2015-03-06 ئاۋاتلىقى: 719 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىنىڭ چوڭ تەرىتى سارغۇچ ياكى سېرىق رەڭدە بولۇپ، سېسىق پۇراق چىقمايدۇ. كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە، چىش پاستىسى ھالىتىدە كېلىدۇ. كالا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكى بىلەن باققان بالىنىڭ چوڭ تەرىتى سۇس سېرىق ھەم ئازراق سېسىق بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىنىڭ كۈنىگە بىر-ئىككى قېتىم كېلىدۇ، لېكىن قاتتىق، مىقدارى كۆپ بولىدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ نورمالسىزلىقى تۆۋەندىكى  ئەھۋاللاردا كۆرۈلىدۇ:
1. بالا چوڭ تەرەت قىلغاندا چىڭقىلىپ يىغلىسا، تەرىتى قۇرغاق، قاتتىق ھەم ئاز بولسا قەۋزىيەت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
2. چوڭ تەرەتنىڭ مىقدارى ئاز، ئەمما قېتىم سانى كۆپ يەنى كۈنىگە 10-20 قېتىم كەلسە، شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، بالا قىزىسا ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان بولىدۇ .
3. چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ، رەڭگى سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل، پۇرىقى سېسىقراق، شىلىمشىق، ياكى كۆپۈك شەكىلىدە بولسا، بالىغا سوغۇق ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكى ياكى ھەزىم قىلىشىنىڭ بۇزۇلغان – بۇزۇلمىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك .

4. چوڭ تەرەت قان ئارىلاش، شىلىمشىق، مېۋە شىرنىسىگە ئوخشاش ھالەتتە كەلسە، ئۈچىيىنىڭ كىرىشىپ ئوخشاش ھالەتتە كەلسە، ئۈچىيىنىڭ كىرىشىپ قېلىشىغا دىققەت قىلىش لازىم . چوڭ تەرەت قان-يىرىڭ ئارىلاش كەلسە، تولغاقتىن گۇمانلىنىش قىزىل رەڭلىك پۇرچاق شورپىسىغا ئوخشاش كەلسە، نېكروزلۇق ئىنچىكە ئۈچەي بوغماق ئۈچەي ياللۇغى دەپ ئويلاش كېرەك. ئەگەر چوڭ تەرەتتىن كېيىن بىر قانچە تامچە قان كەلسە، مەقئەت ئېغىزى يېرىلغان ياكى تۈز ئۈچەيدىكى مۇنچاق گۆش دەپ قاراش كېرەك .
5. ئۈچەي يولى ئىچى-سىرتى يۇقۇملانغاندا زەھەر غىدىقلاش رولىنى ئويناپ، ئۈچەي ھەرىكىتى كۈچىيىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوڭ تەرەت يېشىل رەڭدە كېلىدۇ. بۇنى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تامامەن پارچىلىنىپ بولمىغانلىقى ياكى قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تامامەن پارچىلىنىپ بولمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. چوڭ تەرەتنىڭ رەڭگى دېڭىز سۈيىدەك كۆك رەڭدە كەلسە، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىنىڭ چوڭ تەرەتتە ئىپادىلىنىشى بولىدۇ.
7. ئاق رەڭلىك چوڭ تەرەت زەمبۇرۇغلۇق ئۈچەي ياللۇغىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋغاي ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۈت بولىدۇ. ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىغاندا، چوڭ تەرەت ئۇيۇپ قالغان سۈتكە، تۇغما خاراكتېرلىك ئۆت يولى توسۇشتا چوڭ تەرەت ئاق رەڭلىك ساپال لېيىغا ئوخشايدۇ. يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى بولغاندا چوڭ تەرەت كۆكۈچ رەڭدە بولىدۇ.
8. قارا رەڭلىك ياكى قارامايغا ئوخشاش چوڭ تەرەت يۇقىرى ھەزىم يولى قانىغانلىقى ياكى قانلىق ماددىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار دورىلارنى ئىستېمال قىلسىمۇ تەرەت قارا كېلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى