ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىم بالىلارغا تالانتلىق بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ؟

كىم بالىلارغا تالانتلىق بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-02 ئاۋاتلىقى: 446 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تالانتلىقلارنىڭ چوڭ مېڭىسى
ئېينىشتيىن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى چوڭ مېڭىسىنى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەقدىم قىلغانىدى. تەتقىقاتچىلار تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئېينىشتيىننىڭ چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن ئالاھىدە ئەمەسلىكىنى، چوڭ مېڭىسىدە پەقەت شىلىمشىق ھۈجەيرىلەر، يەنى نېرۋا ھۈجەيلىرىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزىدىغان ۋە قوغداش رولىغا ئىگە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئارتۇق ئىكەنلىكى بايقىغان. ئالىملار مۇنداق قىياس قىلغان: بۇ شىلىمشىق ھۈجەيرىلەر تولۇق ئوزۇق يەتكۈزۈش ۋە قوللاش رولىنى ئويناپ، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئېينىشتيىن ئۇيقۇغا ئامراق بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئادەتتىكىدىن ئۇزاق، چۈنكى ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى زىيادە غىدىقلانغاچقا، ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئېھتىياجنىڭ رولى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلغان.
بەزىلەر ماتېماتىكا ياكى تىل ئىقتىدارى ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى تەڭ ئىككى بۆلەكنىڭ ماسلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار بۇ ھادىسىنى ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.


 

تالانتلىقلارنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولامدۇ؟
بىز تالانتلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقالمايمىز، لېكىن ئۇلارغا ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيمىز. بۇ جەھەتتە مەشھۇر كەشپىياتچى ئىدېسۇن تىپىك مىسال بولالايدۇ. ئىدېسۇننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى نۇرغۇن تەرەپ بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. مەكتەپ ئۇنىڭغا ئەقلىي قابىلىيىىتىدە مەسىلە بار، دەپ قارىغان. ئىدېسۇننىڭ كېيىنكى چاغلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئانىسىنىڭ مۇھىت يارىتىپ بەرگەنلىكى تۈرتكە بولغان. ئانىسى ئۇنىڭ كىشىلەر چۈشىنىپ كەتمەيدىغان غەلىتە خىياللىرىنى قوللىغاچقا، ئىدېسۇننىڭ كەشپىيات تالانتى بارغانسېرى بىخ ئۇرغان، ئاخىرىدا ئۇ تالانتلىق بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

بالىلارنى تەربىيەلىگەندە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىش كېرەك. بالا تەربىيەلەش مەقسەتلىك ئەمەس، بەلكى نىشانسىز شەكىللىنىشى كېرەك. تالانتلىقلارنىڭ يېتىلىشىگە مۇھىت يارىتىش جەھەتتە يەنە مۇنداق ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىش كېرەك. جۈملىدىن ئادەمنىڭ مېڭىسى، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيەت تىپى ۋە ئۇسۇلىدا پەرق بولغاچقا، ئادەمنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئۆگىنىش جەھەتتە تۈرلۈك ئوخشىمايدىغان قىزىقىشلىرى بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ بالىلارنىڭ قىزىقىشى ياكى ئۇلارغا ماس كېلىدىغان ئۇسۇل بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش توغرىسىدا ئويلىشىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.



ئالاھىدە تالانتى بار بالىلارنى ئىمكانقەدەر بالدۇر بايقاش كېرەك ئادەمنىڭ ئالاھىدە تالانتى (بۇ يەردە، ئاساسلىقى، سەنئەت تالانتى كۆزدە تۇتۇلدى) مەلۇم جەھەتتە تۇغما ئامىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، مۇھىت مۇھىم رول ئوينىسىمۇ، لېكىن ئىرسىيەت تەسىرى ئادەمنىڭ تالانتلىق بولۇش-بولالماسلىقىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەمەلىي تۇرمۇشتا سەنئەت تالانتى بار كىشىلەر نۇرغۇن، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ سەنئەت تالانتى ۋاقتىدا بايقالمىغاچقا، ئۇلار سەنئەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. چۈنكى سەنئەت تالانتى ئاساسىي جەھەتتىن دەسلەپكى مەزگىلدىكى بايقاشقا مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر سەنئەت تالانتى ۋاقتىدا بايقىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلمىسا، نۇرغۇن مۇھىم ئىقتىدار تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى