ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق قىلىش كېرەك

بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق قىلىش كېرەك

ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 616 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شالۋاقنى ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئۈچ شالۋاق بېزى ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ. شالۋاقنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈشتەك روللىرى بار. لېكىن بوۋاقلارنىڭ مېڭىسى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا شالۋىقىنى كونترول قىلىشى ئاجىز بولىدۇ ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ سىغىمچانلىقى كىچىك، يۇتۇش، تەڭشەش رولى ناچار بولغانلىقتىن ئاغزىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ قالىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇخىل ئەھۋال ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.بىراق سۈت چىشى چىقىدىغان چاغدا شالۋاق بېزى غىدىقلانغانلىقتىن شالۋاق ئاجىرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ۋاقىتلىق ئاشىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال.لېكىن بەزى كېسەللىكلەر مەسلەن، ھەرخىل سەۋەبتىن بولغان ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، تىل ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، قالقانسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغاندىمۇ شالۋاق ئاقىدۇ،كېسەل ساقايغاندىن كېيىن شالۋاقمۇ ئۆزلىكىدىن توختايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت شالۋاق ئېقىش بولسا مېڭە كېسەللىكلىرى مەسىلەن، مېڭە سىستېمىسى تۇغما تەرەققى قىلمىغان، مېڭە ياللۇغى ياكى مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلاردىن بىشارەتتۇر.
مەيلى ئۇزۇن مەزگىللىك ياك قىسقا مەزگىللىك شال ئېقىش بولسۇن، ئىككى جاۋغاينى شەلۋەرىتىۋەتكەندىن باشقا ئىڭەك كۆپىنچە ھۆل ھالەتتە تۇرغاچقا، تېرىنى قىزارتىپ ھۆل تەمرەتكە ياكى يۈز تېرىسى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ جايلارنىڭ قۇرغاق تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دائىم مايلاپ تۇرۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى