ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانىلار قىز بوۋاقنىڭ جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

ئانىلار قىز بوۋاقنىڭ جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

ۋاقتى: 2016-04-04 ئاۋاتلىقى: 1054 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار قىز بوۋاقنىڭ جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن زاكىسىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرمايدۇ؛ چوڭ–كىچىك تەرەتتىن كېيىن جىنسىي ئەزاسىنى يۇيمايدۇ؛ خېلى چوڭ بولغىچە ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرىدۇ. قىز بوۋاقنىڭ سۈيدۈك يولى قىسقا ھەم ئاسان كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي يولى نېپىز بولغانلىقتىن ئۆزلىكىدىن تازىلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن ھەم كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. ئەگەر قىز بوۋاقنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش ھەتتا سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم داس ۋە لۆڭگە (دېزىنفېكسىيىلەنگەن) تەييارلاپ، چوڭ–كىچىك تەرىتىدىن كېيىن ئىلىمان سۇ بىلەن يۇيۇپ بېرىش كېرەك. يۇيغاندا بالىنى تەرەت قىلدۇرغان ھالەتتە كۆتۈرۈپ جىنسىي لەۋنى ئاستا ئېچىپ، ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم يۇيۇپ، ئاندىن لۆڭگە بىلەن ئالدىدىن كەينىگە قارىتىپ سۈرتىدىغان ئادەتنى چوقۇم يېتىلدۈرۈش كېرەك. قىز بوۋاق ئايىقى چىقىپ ماڭالايدىغان بولغاندىن باشلاپ ئېغى ئوچوق ئىشتان كىيگۈزمەسلىك، قالايمىقان يەردە ئۆمىلەتمەسلىك، كۆرگەنلا يەردە ئولتۇرغۇزماسلىق كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى