ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىڭىزغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىپ بېرىشنى ئۇنتۇماڭ

بالىڭىزغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىپ بېرىشنى ئۇنتۇماڭ

ۋاقتى: 2015-10-29 ئاۋاتلىقى: 657 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنى زورايتىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ سودا قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ كۈچەيتىدۇ. بالىلارغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىپ بېرىش، ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ماھىيەتتە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيەتكە ئاسانلا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى چارە.»
تەتقىقات دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى : «كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا–ئانىسى ئوقۇپ بەرگەن كىتابقا قۇلاق سېلىپ ئادەتلەنگەن بالىلاردىكى تىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى بەك تېز بولىدۇ، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات داۋامىدىمۇ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئەۋزەللىكى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى بولىدۇ. بالىلارنىڭ كىتابقا ئامراق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئۇلار ھەر قانداق ياخشى كىتابتىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشلەر بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.»
بالىلارغا زادى قانداق ئۇسۇلدا ھېكايە ئېيتىپ بەرسە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ بولغاندا، مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېيىشتى : «ئاتا–ئانىلار بالىلىرى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇپ بەرمەكچى بولسا، چوقۇم كىتابنى تەسىرلىك ۋە جانلىق ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. قايتا–قايتا ئوقۇپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى، ھەر خىل پېرسوناژلارنى دىيالوگىنى شۇلارغا خاس تاۋۇشتا ئىپادىلەشكە تىرىشىشى لازىم.»

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى