ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە ئاز بولسا ...

بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە ئاز بولسا ...

ۋاقتى: 2013-05-27 ئاۋاتلىقى: 633 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكىدىكى بالىلار مائارىپى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى شۇنچە زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

بالىلارنىڭ ئالدىغا دۆۋىلەنگەن زىيادە كۆپ ۋە يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ئويۇنچۇق ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا ناھايىتى چوڭ زىيان سالىدۇ، چۈنكى ئۇلار شۇنچە كۆپ ئويۇنچۇقنى كۆرگەندە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ھەتتا ئەمەلىيەتكە چۆكۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ–دە، بىر خىل ئويۇنچۇقنى ئويناش، ئويناش داۋامىدا زېھنى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئويۇنچۇق ئويناشتىن بەلگىلىك بىر نەرسە ئۆگىنىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.»
ئەنگىلىيەدىكى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كايسى شېرۋا ئىشلىگەن تەجرىبە ۋە تەتقىقات جەريانى بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بېرەلەيدۇ. ئۇ ئۆتكەن نەچچە يىلدا 3000 دىن كۆپرەك بوۋاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى نىسبەتەن ئاز بالىلارنىڭ ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە بولىدىغان، ئاتا–ئانىسى ئوقۇپ بەرگەن كىتاب ۋە ئېيتىپ بەرگەن ناخشىنى ئاڭلايدىغان، ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە ئوينايدىغان ۋاقىتنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاخىرىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى تاغدەك دۆۋىلەنگەن بالىلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى