ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بۆشۈك توي

بۆشۈك توي

ۋاقتى: 2013-05-27 ئاۋاتلىقى: 688 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۆشۈك توي خەلقىمىزنىڭ قەدىمىي ئادەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇراسىم بىرىنچى تۇغۇتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئايال تۇغقاندىن كېيىن، ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئەنئەنىۋى قائىدىلەر بىلەن ناھايىتى ئوبدان كۈتۈلىدۇ، كۈيئوغۇلمۇ كۈندە بىر ياكى بىر نەچچە قېتىم كېلىپ بالىسى بىلەن خوتۇنىنى يوقلايدۇ، قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئومۇملاشقان ئادەت بويىچە قوي سويۇپ بېرىدۇ.

 40 كۈن توشقاندا، تۇغۇتلۇق ئايال جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇدىلار ئۆزئارا مەسلىھەت قىلىشىپ، كېلىننى بالىسى بىلەن قوشۇپ كۈيئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. مانا بۇ بۆشۈك توي دەپ ئاتىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپ قۇدىسىغا بوۋاقنىڭ ھەم كېلىننىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدىڭلار دەپ مۇناسىپ سوۋغا-سالاملارنى ھازىرلايدۇ، كېلىننىڭ تۇغۇتتىن ساق-سالامەت قوپقانلىقى، ئۇلارنىڭ جەمەتىگە بىر ئەزا قوشۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن بېزەيدۇ. قۇدا تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ مۇۋاپىق سوۋغا-سالاملار بىلەن يوقلايدۇ. يۇرتقا چاي بېرىپ كېلىننى يۆتكەپ كېتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى