ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردا راستچىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش

بالىلاردا راستچىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش

ۋاقتى: 2016-02-22 ئاۋاتلىقى: 697 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا-ئانىلار بىلەن ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار بالىغا ياخشى ئۈلگە بولۇپ بېرىشى، ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە ۋە باشقىلارغا سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇشى، بالىنىڭ ئالدىدا گېپىدە، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشى لازىم. ئاتا–ئانىلار باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بالىغا بىردەك تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. ئىمكانقەدەر بالىغا ئىشىنىش لازىم. بالىغا ئىشەنگەندە بالىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ قىلغان، ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ غورۇرىغا بىۋاستە تەسىر يېتىپ راست گېپىنى ئېيتمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىشەنچ ھېسسىياتى بالىنىڭ ئالغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتىدۇ. 
1. بالىلارنى كۆپلەپ ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك 
كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرى يالغان ئېيتسا ئۇرۇپ-تىللايدۇ. بۇ خىل جازالاش ئۇسۇلى بالىنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ. قورقۇنچاقلىق بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ناچار پىسخىكىلىق ھالەت ھېسابلىنىدۇ. ئېغىر بولغاندا دىۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بالىلار قورقۇنچاق بولۇپ قالغاندا خاتالىقنى يالغانچىلىق بىلەن ياپىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇرۇش-تىللاشلار يەنە بالىنىڭ غورۇرىغا ئازار بولىدۇ-دە، بەزىدە قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، ئەكسىچە بالىنى تېخىمۇ يالغانچى قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا بالىدا قايتا-قايتا يالغان سۆزلەش كۆرۈلگەندە، ئىشنى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىلىرىغا ئىلھام بېرىشتىن باشلاش لازىم. 
2. تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك 
بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يالغانچىلىق ئادەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل بولۇپ، بالىلارنىڭ يالغان ئېيتىپ ئالدامچىلىق قىلىشى بەزىدە ئاڭسىز بولسا، بەزىدە ئاڭلىق بولىدۇ. ئالدى بىلەن كۈزىتىپ ئوبدان ئانالىز قىلىش لازىم. بالىنىڭ ئاڭسىز ھالدا يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىشى كۆپىنچە يېشى كىچىك، خاتىرىسى ئانچە ئېنىق بولمىغان، گەپنى ئېنىق سۆزلىيەلمەيدىغان ۋاقتىدا كۆرۈلىدۇ. بالىنىڭ يېشى سەل چوڭايغاندا، ئۇلارنىڭ مەلۇم ئارزۇسى قانائەت ھاسىل قىلمىغاندا، كۆپىنچە رىئاللىقنى خىيالىي سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، يەنىلا ئاڭسىز ھالدا يالغانچىلىق قىلىشى مۇمكىن .ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يالغانچىلىق قىلمىشىغا قارىتا ئەتراپلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق تېپىپ، ئۈنۈملۈك بولغان تەربىيە ۋاستىسىنى قوللىنىش لازىم. 
3. ئۆزئارا سۆھبەتلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك 
سۆھبەتلىشىشتە سۆز بىلەن قايىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئاتا-ئانىلار ۋاقتىدا سۆھبەتلىشىپ، سۆز بىلەن قايىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ۋە سۆھبەتلىشىشتە يېشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يېشى كىچىك بالىلارغا سۆز بىلەن قايىل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. يېشى چوڭراق بالىلارغا نىسبەتەن يالغانچىلىق قىلىشنىڭ ياخشى ئادەت ئەمەسلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش لازىم. بۇ ياشتىكى بالىلار نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىيالمايدىغان بولغاچقا سۆھبەتنى ئاساسىي ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، چۈشنىشلىك سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈش لازىم. 
«پەن ۋە تۇرمۇش» تىن ئېلىندى  

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى