ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار ئۈچۈن چاچ ياساش ئەسۋابلىرىنى تاللاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بوۋاقلار ئۈچۈن چاچ ياساش ئەسۋابلىرىنى تاللاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2015-11-01 ئاۋاتلىقى: 710 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار چاچ ياساش ئەسۋابلىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كارتونلۇق بولغىنى ياخشى، رەڭگى ھەرخىل، ئوماق بولغان چاچ ياساش ئەسۋابلىرى بوۋاقتا ئاسان قورقۇش پىسخىكىسى پەيدا قىلمايدۇ. ئانىلارمۇ بالا بەزلەشتىكى زېھنى ۋە كۈچىنى تىجەپ قالالايدۇ. 


ئاتا-ئانىلارنىڭ توك قاچىلىنىدىغان چاچ ياساش ئەسۋابلىرىنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى بوۋاقلار جىم تۇرمايدۇ، بىۋاستە توك مەنبەسىگە چېتىپ ئىشلىتىدىغان چاچ ياساش ئەسۋابىنى ئىشلەتكەندە، بالا ئۇنىڭ سىمىنى تارتىۋېتىشى مۇمكىن. 
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاۋازسىز بوۋاقلار چاچ ياساش ئەسۋابىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بوۋاقلار چاچ ياساش جەريانىدا قورقۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئاۋازى يۇقىرى  بولغان چاچ ياساش ئەسۋابىنى ئىشلەتكەندە، بالا تېخىمۇ قورقۇپ، چېچىنى ياساش تېخىمۇ تەسكە چۈشىدۇ. 
ئاتا-ئانىلارنىڭ خانە بەلگىلەش ئىقتىدارى(定位功能) بولغان چاچ ياساش ئەسۋابلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى خالىغانچە بەلگىلەپ ياسىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەسىل ئۆزگىرىشىگە قاراپ چاچ ئۇزۇنلىقىنى قانچىلىك قويۇشنى بەلگىلىشىگە ياردىمى بار. 
چاچ ياساش ئەسۋابى بىلەن بوۋاقنىڭ چېچىنى ياسىغاندا، ئۇنىڭ باش تېرىسى بىلەن تېگىشىدىغان ئورنى توسالغۇسىز، سىلىق بولۇشى، بالىنىڭ بېشىنى ئازراق ئىگىپ تۇرۇپ ياسىشى كېرەك، بۇ بوۋاقلارنىڭ يۇمران تېرىسىنى ئاسراش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. 
بازارلاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن بوۋاقلار چاچ ياساش ئەسۋابلىرىدىن: يىجىيەن بوۋاقلار چاچ ياساش ئەسۋابى(易简婴儿理发器)، سوڭشىيا بوۋاقلار چاچ ياساش ئەسۋابى(松下婴儿理发器)، كودوس بوۋاقلار چاچ ياساش ئەسۋابى(科德士婴儿理发器) قاتارلىقلار بار. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى