ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار سۈت پاراشۇكى تەڭشەشنى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

بوۋاقلار سۈت پاراشۇكى تەڭشەشنى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

ۋاقتى: 2016-03-07 ئاۋاتلىقى: 712 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بوۋاقلار سۈت پاراشۇكى تەڭشەشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ چىقىپ، يىل ئاخىرىغىچە ئۆلچەمگە توشمىغان كارخانىلارنى شاللايدۇ

«مېلامىن» ۋەقەسىدىن (“三聚氰胺”事件) كېيىن، سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى مۇنازىرىلەر ئىزچىل داۋاملاشماقتا. بۇ يىلنىڭ بېشىدا شياڭگاڭدا سۈت پاراشوكىنى چەكلىك سېتىش تۈزۈمى ئېلان قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى. 
تۈنۈگۈن (6-ئاينىڭ 4-كۈنى)، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ ئىستېمال بويۇملىرى باشقارمىسى «سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى لايىھەسى» نى ئېلان قىلدى. لايىھەدە 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ ئايلىق مەخسۇس تۈزىتىش ئېلىپ بېرىش، بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ تەييار سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرىگە قارىتا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 
سۈتچىلىك مۇتەخەسسىسى، گۇاڭجۇ سۈتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋاڭ دىڭمىيەن «كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى»نىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ساھە ئۆلچىمى بىر قەدەر تۆۋەن، شۇنداقلا ئاممىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچى يۇقىرى ئەمەس، ئەگەر بۇ ئىككى نۇقتىنى ئۆزگەرتەلىسەك، ئاندىن دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن بوۋاقلار تەييار سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. 
ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش 
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى بۇ قېتىملىق مەخسۇس ھەرىكەتنى ئاساسلىقى بوۋاقلارنىڭ تەييار سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى تەكشۈرۈشكە قارىتىلغان. مۇنتىزىم ھالدا كارخانىلارنىڭ ئىچكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇلۇشى، ساھە ئىجازەت ئۆلچىمى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى، تېخنىكا ئىسلاھاتى، ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى قاتارلىق سانائەت تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە ئاساسلىقى، بوۋاقلارنىڭ تەييار سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساھە ئىجازەت ئۆلچىمى جەھەتتە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى كارخانىلارنىڭ يېڭى تۈر ۋە ئىسلاھ قىلىنغان تۈرنى، ئىجازەت ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلغان ئاساستا تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى. 2013-يىلى، بوۋاقلار تەييار سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنى قايتا «تازىلاپ» تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش سىياسەتلىرىگە ۋە سۈپەت بىخەتەرلىك شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كارخانىلارنى شاللاپ چىقىرىش ئېلىپ بېرىلدى. 
ئۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان بوۋاقلار تەييار سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ۋە بىرلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يېتەكلىدى. ئەمما سۈتچىلىك ساھەسىنىڭ كۆپلەپ بىرلىشىشى توغرىسىدا، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. 
ۋاڭ دىڭمىيەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەنبەنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلەش بىر خاتالىق، بولۇپمۇ سۈتچىلىك ساھەسىگە نىسبەتەن شۇنداق، بۇ خىل كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى زىيادە چوڭ ۋە كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، ئۇنىڭ خەتىرى چوڭ بولىدۇ. 
ۋاڭ دىڭمىيەن يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۈتچىلىك ساھەسىدە، سۈت مەنبەسى چوقۇم مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشى كېرەك، مەنبە زاۋۇتقا يېقىن ئەتراپتىن ئېچىلىشى كېرەك، بۇ سۈتچىلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسىي ساۋات. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزدە خېيلۇڭجىياڭ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى قاتارلىق ئۆلكىلەر ئاساسلىق سۈت مەنبەسى رايونى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەر ئىستېمال قىلىپ بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا يۆتكەپ ساتىدۇ. لېكىن نېمە ئۈچۈن جەنۇب تەرەپكە يۆتكەپ تەرەققىي قىلدۇرۇلمايدۇ؟ چۈنكى مەنبەنى يۆتكەپ ئىشلەپچىقارغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ چىقىمى ئارتىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەركەزلەشتۈرۈشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سىياسىتىنى مەن ياخشى دەپ قارىمايمەن.» 
ئۇنىڭ قارىشىچە، مەركەزلەشتۈرۈشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى زىيادە ئاشۇرىۋېتىشكە بولماسلىقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، كارخانىلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇلارنىڭ كەسپى ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدىكەن، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھازىر كۆپىنچە ئوتتۇرا ياكى كىچىك كارخانىلار ئاسان خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. كىچىك كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولىدۇ، ساختىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇنداقلا ھازىرقى چوڭ كارخانىلاردىمۇ ھېچ ئىش چىقماي يۈرگىنى يوق. شۇڭلاشقا، كارخانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ قەھرىماننى تاللىسا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ۋە كەسپى ئەخلاقىغا قاراش كېرەك».

ساھەلەرنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش
بۇ قېتىم سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى قانات يايدۇرغان يۇقىرىقى ھەرىكەتتە، بوۋاقلارنىڭ تەييار سۈت پاراشوكلىرى ساھەسىنىڭ ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئېنىق كۆرسىتىلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى، بۇ ساھەنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى، يەنى ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى، تەدبىر ئۆلچىمى، باشقۇرۇش ئۆلچىمى، تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۆرستىپ ئۆتتى. شۇنداقلا چەتئەلدىكى ھەممە ئېتىراپ قىلغان مەھسۇلات ئۆلچەملىرى ياكى ئىلغار تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بىلەن مۇۋاپىق سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 
ۋاڭ دىڭمىيەن بۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنى بارا-بارا خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە خەلقئارانىڭ قەدىمىگە يېقىنلاشتۇرۇش بىر قەدەر ياخشى بولغان تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشى ھېسابلىنىدۇ.» 
كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دېگىنىمىز، كارخانىلارنىڭ پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش، شۇ ساھەنىڭ تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. 
سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساھە ئۆلچىمى قۇرۇلۇشىغا پەقەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرش مىنىستىرلىكىلا ئېتىبار بېرىپ قالماستىن، يېقىندا ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ خوڭبىن جۇڭگو سۈتچىلىك تەشكىلاتى ئويۇشتۇرغان 4-قېتىملىق جۇڭگو سۈتچىلىكى چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئوخشاش ئىپادە بىلدۈردى: «2008-يىلى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ۋەقەسىدىن بۇيان، جۇڭگو سۈتچىلىكى ۋەيران بولماستىن، ئەكسىچە ھالاكەت ئىچىدىن قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقتى. باقمىچىلىق ئۆلچىمىنى كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك سۈت مەنبەسى بازىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، مەنبە جەھەتتە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم».  
ۋاڭ دىڭمىيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلچەم مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىنتايىن توغرا بولدى، ھازىرقى كارخانا ۋە ھەر قايسى ساھە تەشكىلاتلارنىڭ ئۆلچىمىنىڭ بېكىتلىشىنى ھەممىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى ئىنتايىن يۇقىرى دەپ قاراپ، دۇنيانىڭ ئۆلچەملىرىگە دىققەت قىلمايدۇ». 
بۇ قېتىملىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە نىسبەتەن، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا مۇئەييەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيەسىدە بولدى.
ۋاڭ دىڭمىيەن : «بىز نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تالىشىپ سېتىۋالىمىز، بىرى ئۆلچەم تۆۋەن، يەنە بىرى كىشىلەر بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى جەھەتتە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلسا، خەلق تەبئىيلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى