ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جۇڭگو ئەڭ چوڭ بوۋاقلار سۈت پاراشۇكى ئىستېمال دۆلىتىگە ئايلاندى

جۇڭگو ئەڭ چوڭ بوۋاقلار سۈت پاراشۇكى ئىستېمال دۆلىتىگە ئايلاندى

ۋاقتى: 2015-12-13 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا سۈت پاراشوكىنى چەكلىك سېتىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، خەلقئارالىق سۈتچىلىك خوجايىنلىرى ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگو بازىرىغا كۆز تىكىشكە باشلىدى. يېقىندا، Meadjohnson شىركىتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى، جۇڭگو قۇرۇقلۇق رايونى باش لىدىرى يوۋ يۈپېي: «جۇڭگو ئاللىبۇرۇن مۇشۇ شىركەتنىڭ بىرىنچى چوڭ بازىرىغا ئايلاندى، كەلگۈسىدە "جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان" دىن "جۇڭگودا تەتقىق قىلىنغان" دېگەن  يۆنىلىشكە بۇرۇلىدۇ.» دەپ كۆرسەتتى.


مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر جۇڭگو ئاللىبۇرۇن ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىستېمال قىلىش دۆلىتىگە ئايلانغان. تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىش ئورنى تەسىس قىلغان چەتئەل مەبلىغىدىكى ماركا بولۇش سۈپىتى بىلەن، Meadjohnson جۇڭگو قۇرۇقلۇقى باشقۇرغۇچىسى يوۋ يۈپېي، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى Meadjohnson بىلەن تىيەنماۋ ھەمكارلىشىپ ئاچقان بايراقدار دۇكاننىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «كەلگۈسىدە جۇڭگو ئستېمالچىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات تاللىشى ئېلىپ كېلىپ، مەھسۇلات ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىپ ئۇلارنىڭ قارشى ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، بوۋاقلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەسپىي مەھسۇلاتنى چىقىرىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگودىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تۈزۈپ چىققان يېڭى ئۆلچەمگە تېخىمۇ يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى كىرگۈزۈپ، ئىككىنچى لىنىيە شەھەرلىرىدە ڭېكەيتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش.»  نىشانى ئوتتۇرىغا قويدى.



«2012-يىلى جۇڭگو پۈتۈن يىللىق سۈت پاراشوكى بازىرى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى جۇڭگو سۈت پاراشوكى سېتىلىش مىقدارى 38 مىليارد 518 مىليون  يۈەن بولغان، ئۇنىڭ ئىچىدە، Meadjohnson، Dumex، Wyeth شۇنداقلا Abbott قاتارلىق تۆت داڭلىق چەتئەل سۈت پاراشوكى ماركىسىنىڭ بازاردىكى نىسبىتى %12.3، %11.7، %11 ۋە %7.7 بولغان.
ئىگىلىشىمىزچە، Meadjohnson نىڭ جۇڭگودىكى مەبلىغى يۈز مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، 2011-يىلى گۇاڭجۇدا سۈت پاراشوكى تەتقىق قىلىش  مەركىزى قۇرۇپ چىقىپ، ئالدى بىلەن "جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان" دىن "جۇڭگودا تەتقىق قىلىنغان" دېگەن يۆنىلىشكە ئۆزگەرتكەن.
مەزكۇر مەركەز قاتناشقان 100 تۈر ۋە دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىققان، جۇڭگو بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىلمى تەتقىق قىلىشتىن كىلىنىكىلىق تەتقىق قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Meadjohnson 2006-يىلى "مېھىر-شەپقەت سەپىرى" تۈرىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقارغان، بۈگۈنگىچە  بوۋاقلار سۈت پاراشوكى قاتارلىق مەھسۇلاتقا سالغان قوشۇلما مەبلەغ ئون مىليون خەلق پۇلىدىن ئاشقان، تۈر رايونى ئاساسى داۋالاش خادىمى تەربىيەلەش، نامرات ئائىلە بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش ۋە ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىن مەنپەئەتكە ئېرىشكەن؛ سەھىيە بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، "فېنىل كېتون سىيىش كېسىلى (PKU) بىمارلىرى ئالاھىدە سۈت پاراشوكى تولۇقلاش ياردەم تۈرى" دە، Meadjohnson مەبلەغ سالغان مەھسۇلات  ۋە مەبلىغى  3 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

 

مەنبە: ۋاڭيى خەۋەر قانىلى

ئەسلى مەنبە ئارېسى:
http://money.163.com/13/0611/06/912NUNBE00253B0H.html

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى