ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللاش ھەققىدە ئومۇمىي ساۋات

بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللاش ھەققىدە ئومۇمىي ساۋات

ۋاقتى: 2016-06-19 ئاۋاتلىقى: 683 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار ھارۋىسىنى قانداق تاللاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

بوۋاقلار ھارۋىسىنىڭ چاق-ھالقىلىرى ھەرىكەتچان، پۇختا بولۇشى كېرەك. بىخەتەرلىك ئەڭ مۇھىم.

ھارۋىنىڭ ئىتتىرىش سېپى ۋە تەڭشەش سېپى قاتارلىق قىسىملىرىنى ياخشى كۆزىتىش كېرەك، ئادەتتە دىئامېتىرى 1~1.2 سانتېمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئۇنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى ئاجرىتىپ يۇيۇپ تازلاشقا بولامدۇ-يوق دىققەت قىلىش كېرەك، تەبىئىي تالالىق توقۇلمىلار بالىنىڭ تېرىسىگە زىيانلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقلار ھارۋىسىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنىڭ رەختى دىلۇڭ ياكى پاختا بولىدۇ. كانا قۇرتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان رەختلەر ئىشلىتىلگەننى تاللاشمۇ مۇھىم.

قىرلىرى بەك ئۆتكۈر، بۇرجەكلىرى بەك ئۇچلۇق بولماسلىقى كېرەك، قالپاقلىق مىخ قاتارلىق ئاسان چۈشۈپ قالىدىغان قىسىملىرى بولمىغان ياخشى.

سىلكىنىشتىن ساقلىنىدىغان تۈزۈلۈشى بولۇشى كېرەك، يولنىڭ تۈز بولماسلىقى سەۋەبىدىن سىلكىنىپ كەتكەندە، بالىنىڭ باش قىسمىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

ھارۋىنىڭ تېگى چوڭقۇرراق، يۆلەنچۈكى ئېگىزرەك بولۇشى كېرەك، بولمىسا بالا ئۆرۈلگەندە ياكى مىدىرىلىغان ۋاقىتتا ھارۋىدىن چۈشۈپ كېتىدىغان ھادىسىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن، يۆلەنچۈكىنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان ھارۋىلارنى تاللاش كېرەك.

ھارۋىنى ئېچىش ئەپلىكمۇ ئەمەسمۇ، چاقلىرى ھەرىكەتچانمۇ ئەمەسمۇ ياخشى تەكشۈرۈش كېرەك، چاقى ئەڭ ياخشىسى بەشتىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك.

بوۋاقلار ھارۋىسىنى سېتىۋالغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەھسۇلات لاياقەت گۇۋاھنامىسى، سۈپەت كاپالەتنامىسى، رېمونت كاپالەتنامىسى، ئىشلىتىش قوللانمىسى قاتارلىق ھۆججەتلىرى تولۇق ياكى ئەمەسلىكىنى، ساختا مەھسۇلاتتىن ساقلىنىش بەلگىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

بوۋاقلار ھارۋىسىنى سېتىۋالغاندا، بوۋاقنىڭ يېشىنى ئويلىشىش كېرەك. سەككىز ئايلىقتىن تۆۋەن بولغان بوۋاقلارغا كىچىك كارىۋاتلىق ھارۋا ئېلىش كېرەك، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلار ئۈچۈن ھەم ياتقۇزغىلى بولىدىغان، ھەم ئولتۇرغۇزغىلى بولىدىغان ھارۋا ئېلىش كېرەك. بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بوۋاقلارغا ئولتۇرغۇزىدىغان ھارۋا ئېلىش كېرەك.

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلار ھارۋىسى سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، شۇندىلا ئۇنىڭ ماددىي قىممىتى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس.

 بوۋاقلار ھارۋىسىنىڭ تورمۇزلايدىغان يېرىگە ئەڭ ياخشىسى قېنىق رەڭ بىلەن بەلگە سېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تورمۇزغا خاتا دەسسەپ قېلىشنىڭ ساقلانغىلى بولىدۇ.

بوۋاقلار ھارۋىسىنىڭ قايسى ماركىدىكىسى ياخشى؟ ئاساسلىقى، ياخشى بالا بوۋاقلار ھارۋىسى(好孩子婴儿手推车)، كومبى بوۋاقلار ھارۋىسى(康贝婴儿手推车)، كىچىك پەرىشتە بوۋاقلار ھارۋىسى(小天使婴儿手推车)، كىچىك دىنوزاۋور بوۋاقلار ھارۋىسى(小小恐        龙婴儿手推车)، بېيرۈيجيا چوڭ تاپانلىق بوۋاقلار ھارۋىسى(贝瑞佳-大脚板婴儿手推车) قاتارلىق بالىلار ھارۋىلىرى بىرقەدەر ياخشى.  

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى